خىتاي ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئۆچ ئالماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ھەر ۋاسىتىلەر بىلەن بېسىم قىلىپ، سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاپ كەلگەن بولۇپ، تۈرلۈك تەھدىتلەرگە باش ئەگمەي كېلىۋاتقان پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىنىڭ دادىسى غېنى خۇدابەردى جازا لاگېردا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان.

ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى 19-سېنتەبىر دادىسىنىڭ جازا لاگېرىدا تۇيۇقسىز جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئوغلىنى بويسۇندۇرالمىغان خىتاي ئۇنىڭ دادىسىدىن ئۆچ ئالغان. ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگە بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن گوللاندىيەدىكى دىيانەتنىڭ مەسچىتىدىكى جۈمە خۇتبىسىدە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ۋاپاتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا مەسچىتتە ئۇنىڭ دادىسى ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى چۈشۈرۈلگەن.

ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبىدىن، دادىسى غېنى خۇدابەردى بىلەن 2017-يىلىدىن بۇيان ئالاقىلىشالمىغان. بۇ يىل 6-ئىيۇل خىتاي ساقچىلىرى ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ ئاكىسىغا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدۇرۇپ، 7-ئايدا گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدىكى دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسىدە شى جىنپىڭغا ئېچىلغان سوتتا گۇۋاھلىق بەرمەسلىككە قىستاپ بېسىم قىلغان. كېيىن ئابدۇرېھىم غېنى ئاكىسىنىڭ تېلېفونىنى ئالمىغان. خىتاينىڭ بۇ ھىيلىسى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ دادىسىنى جازا لاگېرىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى سوتتا گۇۋاھلىق بەرمەسلىككە نەسىھەت قىلدۇرغان. خىتاينىڭ شۇنچە بېسىملىرىغا باش ئەگمىگەن ئابدۇرېھىم ئەپەندى سوتتا خىتاينىڭ جىنايىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئابدۇرېھىم ئەپەندى سوتتا يەنە مەزكۇر ئېچىنىشلىق سىننى دۇنيا پۇقرالار سوتىدا ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە كۈچلۈك ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەن. كۈتكىنىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن خىتاي كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغان غېنى خۇدابەردىنى قايتىدىن جازا لاگېرىغا سولىغان.

ئابدۇرېھىم ئەپەندى فېيسبۇك ھېسابىدا بۇ توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلىپ: «دادامنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جازا لاگېرىدا ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى. ئەمما دادامنىڭ ۋاپات خەۋىرى مېنى روھىي جەھەتتىن تۈگەشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى غەزەپ-نەپرىتىمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى مەنىۋى ئېنېرگىيەگە ئىگە قىلدى. بۇ مۇسىبەت تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى كۈرىشىمنى داۋاملاشتۇرۇش غەيرىتىمنى ئاشۇردى. ئەڭ مۇھىم بولغىنى پارلاق تاڭغا ئېرىشىشكە بولغان ئۈمىدىمنى تېخىمۇ چەكچەيتىپ، غەلىبە مەنزىلىگە قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان تەۋرەنمەس روھقا ئىگە قىلدى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 93 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2024 13:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق