خىتاي خەلقئارانىڭ كۆزىنى بويايدىغان غايەت زور مەدەنىيەت سارىيىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، زور مەبلەغ ئاجرىتىپ ياساپ چىققان ئاتالمىش «شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى»نىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «يېڭى دۇنيا شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى» 18-سېنتەبىر پۈتكەن ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىغا ئۆكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ يىل ئاخىرىدا سىرتقا ئېچىۋېتىش پىلانلانغان. ئۈرۈمچىگە جايلاشقان مەزكۇر ساراينىڭ قۇرۇلۇشى 2023-يىلى 5-ئايدا باشلانغان بولۇپ، يېڭى دۇنيا خىتاي يەر-مۈلۈك چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئالغان.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىش، يېتەكلەپ چۈشەندۈرۈش، تارقىتىشتىكى مۇھىم سۇپا، ھەمدە ئاتالمىش «شىنجاڭ»نىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ساياھەتچىلىكنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش ۋە ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم بازا ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى»نىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىغا ما شىڭرۈي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ئەمەلدارلار قاتناشقان. ما شىڭرۈي سۆزىدە ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» قاتارلىق ئىبارىلەرنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بايانلىرى مەزكۇر ساراينىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاش ئۇرۇنۇشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ساراينىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 13 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەمۇرىي تارماقلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسىدىن جەمئىي 6559 كىشىنى بېكىتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسىدىن 548 كىشى، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسىدىن 112 كىشى بار ئىكەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى»نىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيە رايونى تۆت كۆرگەزمە زالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمە زالى، ئېچىۋېتىش شەكلىدىكى ۋاقىتلىق كۆرگەزمە زالى، ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش زالى، كۆپ ئىقتىدارلىق زالى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن. ئاتالمىش «جۇڭخۇا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» زالىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن قىسمەن تۈرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، شۇنداقلا كۇنچۈ تىياتىرى، گۇچىن سەنئىتى، ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، تامغا ئويۇش، جىڭجۈ تىياتىرى، خەتتاتلىق، قەغەز قىيما، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىق خىتاي مەدەنىيىتى ئاساس قىلىنغان تۈرلەرنى كۆرگەزمە قىلىشىنى پىلانلىغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر ساراينىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆرگەزمە قىلىنىدىغان ئىككى زالىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېلىپتا ياساش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇش ھۈنەر-سەنئىتى، قازاق مىللىتىنىڭ دومبىرا سەنئىتى، ئوقيا ياساش ھۈنەر-سەنئىتى، ئەنئەنىۋى ئۇن تامىقى تەييارلاش ھۈنەر-سەنئىتى، خوتەن دورىلىق چېيى تەييارلاش ھۈنەر-سەنئىتى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن. كۆرگەزمە پىلانىغا ئاساسەن كۆرگەزمە زالىدا مەدەنىيەت ۋارىسلىرى تاماشىبىنلارغا مەشرەپ، نازىركوم، ئون ئىككى مۇقام، بۈركۈت ئۇسسۇلى، ساماۋەر ئۇسسۇلى، يۆجۈ تىياتىرى قاتارلىقلارنى ئورۇنلاپ بېرىدىكەن.

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، تارىخىنى بۇرمىلاش پىلانى بويىچە، بۇلتۇر ئاتالمىش «شىنجاڭ مۇزېي»نىڭ كۆلىمىنى ئەسلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسىگە يېقىن كېڭەيتىپ سالغانىدى. 2-قارارلىق يېڭى سارايدا ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر كۆرگەزمىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ «خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى»دەك بۇرمىلانغان تارىخنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش مەقسەت قىلىنغان ئاتالمىش «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» دىن 1570 پارچە قويۇلغانىدى.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەشتىن باشقا، ئۇيغۇر-ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار بارلىق نەرسىلەرنى كۆزدىن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. خىتاي تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن سىستېملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي تېڭىش، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىش، يوقىتىش پىلانلىرىنى تېخىمۇ كۈچەپ ئىجرا قىلدى. خىتاي جىنايەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەندىن كېيىن، غايەت زور خىراجەت ئاجرىتىپ، زور كۆلەمدە مۇزېي، ساياھەت نۇقتىلىرى ۋە مەدەنىيەت سارايلىرىنى قۇرۇپ چىقتى.

خىتاي بۇ قېتىممۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى» ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىق قىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن خىتاي مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغان. ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر ئىچىدىن چەكلىك ساندىكى كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاللىبۇرۇن چەكلەنگەن مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزغۇچى، كۆڭۈل بۆلگۈچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 97 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2024 13:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق