ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى خىتايغا قارشى ماھىيەتلىك قانۇن لايىھەسى سۇندى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئون نەچچە كېڭەش پالاتا ئەزاسى خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىشكە ئالاقىدار ماھىيەتلىك قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ ئالىي ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتچى جىم رىش (Jim Risch) 19-سېنتەبىر جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان باشقا ئون ئاۋام پالاتا ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى بىر قانۇن لايىھەسىنى سۇنغان. ئۇلار مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھەم شېرىكلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتتە غەلىبە قىلىشىغا ئاساس سېلىشنى مەقسەت قىلغان.

«ئىستراتېگىيەلىك قانۇن 2024» ناملىق مەزكۇر قانۇن لايىھەسى خىتايغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىر قانچە مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلار:

1. «چەت ئەل ۋاكالەتچىلىرىنى تىزىملاش قانۇنى»نى كۈچەيتىپ، چەت ئەللىك رەقىبلەرنى تىجارەت، «لوبىچىلىق ۋە ئاشكارىلاش قانۇنى»دىن كەچۈرۈم قىلىشنى بىكار قىلىش، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا پۇقرالارنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بېرىش.

2. تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، ئىككىنچى تەرەپنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا بەزى شەرتلىك سوۋغاتلارنى بېرىش ۋە كېلىشىم تۈزۈشىنى چەكلەش، تەتقىقات بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاش، خىتاينىڭ ئامېرىكا دىپلوماتلىرىغا قاراتقان پاراكەندىچىلىكى ۋە خورلاش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش.

3. رەقەملىك، تىرانسپورت ۋە ئېنېرگىيە ئورگانلىرىنى نۇقتا قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئۇل ئەسلىھە ھەرىكەت پىلانىنى تەستىقلاپ، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، شېرىك دۆلەتلەرنىڭ سودا ساھەسىدىكى توسالغۇلىرىنى تۆۋەنلىتىش.

4. خىتاينىڭ بۇلاڭچىلىق خاراكتېرنى ئالغان ئىقتىسادىي قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش، جۈملىدىن مونوپوللۇقىغا قارشى ئىسلاھات يۈرگۈزۈش، ئىقتىسادىي مەجبۇرلاشقا قارشى يېڭى ھەرىكەت پىلانى تۈزۈش ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىشىنى چەكلەش. بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە ئامېرىكا چەت ئەل مەبلەغ سېلىش كومىتېتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان يېزا ئىگىلىك مەبلەغلىرىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

5. خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سىستېمىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە كېڭىيىشىگە قارشى تۇرۇش ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى كونترول قىلىش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ، ئاۋسترالىيە-ئەنگلىيە-ئامېرىكا ئۈچ تەرەپلىك «AUKUS» ھەمكارلىقىنى چىڭىتىش ئارقىلىق خەلقئارالىق بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش.

6. ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن شېرىك دۆلەتلەرگە بولغان قوللىشىنى كۈچەيتىش. شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇپ، خىتاي ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشتىن ئىلگىرى ئالدىن جازا يۈرگۈزۈشنى باشلاش، خىتاي ئېكسپورتىنى چەكلەش ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنىڭ نىشانىنى بەلگىلەش.

7. ئامېرىكىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى مەنپەئەتى ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان قوللىشىنى قوغداش.

8. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرغان بىيولوگىيەلىك تەتقىقاتلارغا بەرگەن مەبلىغىگە قارىتا نازارەتنى كۈچەيتىش.

ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۇ قانۇن كەسكىن پوزىتسىيە ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتتە ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدىغان ماددىلارنى تەمىنلەيدۇ. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ دوكلات ۋە تەتقىقاتلارنى كۆرۈشكە تەقەززامىز. نۆۋەتتە مەزكۇر سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ۋاقتى كەلدى» دېيىلگەن.

ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ يېڭى قانۇن لايىھەسىنى سۇنۇشى پەقەت قانۇن چىقىرىش جەريانىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئالدى بىلەن كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىدىكەن. ئىككىنچى باسقۇچتا پىرېزىدېنتنىڭ ئىمزالىشىغا يوللىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 90 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2024 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق