ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنى خىتايدا قامالغان ئامېرىكىلىقلارنى قۇتقۇزۇشقا چاقىردى

ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنى خىتايدا قاماپ قويۇلغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا تەخمىنەن 20 يىل قامالغان ئامېرىكا پۇقراسى پوپ داۋىد لىن يېقىندا قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما ئۇ خىتاي تەرىپىدىن خاتا تۇتقۇن قىلىنغان بىرلا ئامېرىكىلىق ئەمەس بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقنى كۈچەيتىپ، خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئامېرىكىلىقلارنى تېزدىن قۇتۇلدۇرۇپ كېلىشكە چاقىرغان.

ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس 18-سېنتەبىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى خاتا قامالغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تېخىمۇ ياخشى ھالدا قانۇنىي مۇلازىمەت قىلىپ، تۇتقۇنلارنى تېخىمۇ كۆپلەپ يوقلاپ تۇرۇشقا چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دىپلوماتىك تىرىشچانلىقنى كۈچەيتىپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ ئامېرىكىلىقلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا، ھەتتا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 2022-يىلى ئىمزالىغان «تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ گۆرۈگە ئېلىنغان ۋە خاتا تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش» توغرىسىدىكى ئىجرائىيە بۇيرۇقى ئارقىلىق، ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىرغان.

سىمىس ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا: «ئەگەر خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلىماقچى بولسا، ئۇلار خاتا تۇتقۇن قىلغان ئامېرىكىلىقلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشى كېرەك. ئۇلار بىر تەرەپلىمە ھالدا ‹چېگرادىن چىقىشنى چەكلەش› ھەرىكىتىنى توختىتىشى كېرەك. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ئەمەلىيەتتە ئادەم گۆرۈگە ئېلىش بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە خىلاپ» دېگەن.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 200 ئامېرىكا پۇقراسى خىتاي رېجىمىنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، مەمۇرىي تۇتقۇن قىلىش، سوتتىن بۇرۇن تۇتقۇن قىلىش ۋە نازارەتكە ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 90 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2024 12:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق