خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنىڭ تۈركىيەگە زىيان كەلتۈرىدىغانلىقى تەكىتلەندى

تۈركىيە ئەمەلدارى خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا، تاشقى سودىسىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدە چىقىدىغان «ئىقتىسادىي كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ 17-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى نائىل ئولپاك: «خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول سودا پىلانى تاماملىنىپ قالسا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپاغا قاراتقان ئېكسپورتىدا ئېغىر زىيان كۆرۈلىدۇ» دېگەن.

نائىل ئولپاك خىتاينىڭ ياۋروپا بازىرىغا تېز سۈرئەتتە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا قۇرۇلۇشىغا 60-50 مىليارد دوللار سەرپ قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشى پۈتۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندە، دېڭىز يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا بىر يېرىم ئاي ۋاقىت ئىچىدە يەتكۈزىدىغان يۈكنى قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق 11 كۈندە يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ نىشانى بولسا 9-7 كۈن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئولپاك خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قوللىغۇچىلارنى تەنقىدلەپ: «نۆۋەتتە بىر تۈرك ئېكسپورت سودىگىرىنىڭ يۈك ماشىنىسى تۈركىيەنىڭ گازىئانتەپتىن يولغا چىقىپ، ئۈچ-تۆت كۈندە گوللاندىيەنىڭ ئامستېردامغا يېتىپ بارالايدۇ. ئەمما خىتاي يۈك ماشىنىسى ئامستېردامغا سەككىز كۈندە يېتىپ بارالايدۇ. بۇ يەردە بىزنىڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقىمىز بار. خىتاينىڭ يولغا قويغان قۇرۇلۇشى پۈتكەن ھامان، بىزدىكى ئارتۇقچىلىق قولىمىزدىن كېتىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا ئالقىش ياڭراتقىنىمىزدا نېمىگە ئالقىش ياڭراتقانلىقىمىزنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

نائىل ئولپاك سۆزىدە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە ۋە ئېكسپورتىغا چوڭ زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى تولۇق يولغا قويۇلغاندا، ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرىمىز بولغان ياۋروپادا ئېغىر يوقىتىشقا دۇچ كېلىمىز» دېگەن.

نائىل ئولپاك تۈركىيەنىڭ بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي تەرىپىدىن قۇرۇلغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مەسىلىنى ئىقتىسادتىن بەكرەك سىياسەتنىڭ ئويۇن مەيدانى دەپ قارايدىغانلىقىنى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە يېڭى بىر ئويۇن قارتى ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت كېڭىشى 1985-يىلىدىن بۇيان پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر سودا دىپلوماتىيە تەشكىلاتى بولۇپ، خەلقئارا بويىچە 152 سودا كېڭىشى بىلەن بىرگە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، سودىسىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە پائالىيەت قىلماقتىكەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلى ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنى يولغا قويغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بۇ پىلاندىكى ھالقىلىق ئورۇنغا ئايلانغان. بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر پىلان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېغىر بالايى-ئاپەت بولماقتا. خىتاي بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا. شۇنداقلا غايەت زور خىراجەت ۋە كۈچ ئاجرىتىپ، بۇ جىنايەتلىرىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 97 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2024 12:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق