خىتايدىكى ياۋروپا شىركەتلىرى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولماقتا

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتايدىكى ياۋروپا شىركەتلىرى سودا ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر بولغان.

يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلىدىن بۇيان بۇنچىۋالا كۆپ شىركەت خىتايدىكى كەلگۈسى كىرىم ئىقتىدارىغا نىسبەتەن بۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىنىپ باقمىغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى يېنس ئېسكېلۇند: «خىتاي بازىرى قايتا قوزغىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئاساسلىق ئۆزگىرىش شۇكى، بۇ بازارنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دەپ تەكىتلىگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ: «بولۇپمۇ ياۋروپا سودىگەرلىرى خىتايدىكى بازار ئىستراتېگىيەسىنى جىددىي كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك» دېگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 16-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋىرۇسى ۋاباسى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتاي سودا ساھەسىنى قايتا قوزغاشقا تىرىشقان بولسىمۇ، فىرانسىيەدە چىقىدىغان «ئەكس سادا گېزىتى»دە كۆرسىتىلىشچە، ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە سوئال قويىدىغان ۋاقتى كەلگەن.

خىتايدا قۇرۇلغان 1700 دىن ئارتۇق شىركەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ئۇيۇشمىسى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى يىللىق دوكلاتتا تەكىتلەپ كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سالغۇچىلار ھازىر ئاچچىق رېئاللىققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي بازىرىدا ئۇچرىغان مەسىلىلىرى مەڭگۈلۈك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 149 قېتىم كۆرۈلدى
19/09/2024 15:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق