ياپونىيە: خىتاي ئاۋىياماتكىسى تۇنجى قېتىم ياپونىيە تەۋەلىكىگە كىردى

ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ئاۋىياماتكىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ياپونىيە تەۋەلىكىدىكى دېڭىز رايونىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 18-سېنتەبىر بىر خىتاي ئاۋىياماتكىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ياپونىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دېڭىز تەۋەلىكىگە تۇتاش رايونغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋەقەگە قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى خىتاي تەرەپكە بىلدۈرگەن ھەمدە: «بۇ ۋەقەنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ تەكىتلىگەن. بۇ ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئەڭ يېڭىسى بولۇپ، بۇ قېتىملىق ۋەقە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان.

ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تارقاتقان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكىسى ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ئىككى قوغلىغۇچى پاراخوت 18-سېنتەبىر تاڭ سەھەردە ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتىدىكى يوناگۇنى ئارىلى بىلەن ئىرىئوموتې ئارىلىنىڭ چېگراداش رايونىدا قىسقا ۋاقىت ھەرىكەت قىلغان. بۇ ياپونىيەنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي ئاۋىياماتكىسىنىڭ ياپونىيە تەۋەلىكىگە تۇتاش رايوندا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن .

ياپونىيە كابىنېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى خىروشى مورىيا شۇ كۈنى توكيونىڭ خىتايغا نارازىلىقىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە: «ياپونىيە ۋە مەزكۇر رايوننىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ ۋەقەنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

خىروشى مورىيا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «بىز خىتاي دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز رايونلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتىمىز. بىز بۇ ھەقتە ئۇچۇر توپلاش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ئۈچۈن مۇمكىن بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز» دېگەن.

خىتاينىڭ ياپونىيە ئەتراپىدىكى قۇتراتقۇلۇق ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، 26-ئاۋغۇست خىتاينىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانى ياپونىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ياپونىيە دەرھال ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ ئىنكاس قايتۇرغانىدى. ياپونىيە تاراتقۇلىرى بۇنىڭ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 154 قېتىم كۆرۈلدى
19/09/2024 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق