تاراتقۇلار: خىتاي رۇسىيەنىڭ ھەربىي تېخنىكىسىغا ئېرىشىشنىڭ تارىخىي پۇرسىتىگە ئېرىشتى

رۇسىيە ئۇكرائىنادا ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بىر پەيتتە، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئىلغار ھەربىي تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈشتە تارىخىي پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە 16-سېنتەبىر دۇنيا مىقياسىدىكى چوڭ كۆلەملىك دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي مانېۋىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان. گەرچە رۇسىيەگە مايىل 15 دۆلەت كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، 90 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر قاتناشتۇرۇلغان رۇسىيەنىڭ «ئوكيان-2024» ناملىق مەزكۇر مانېۋىرغا پەقەت خىتايلا ئەمەلىي قاتناشقان.

بۇ جەرياندا خىتاي-رۇسىيە ئىككى تەرەپ ھەربىي مۇناسىۋىتىنىڭ زىچلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ياپون دېڭىزىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەك ئاتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ خىتاينى ئىلغار ھەربىي تېخنىكا بىلەن تەمىنلىشىگە دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىشىشى خىتاي-رۇسىيە ھەربىي مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرغان. ئىلگىرى غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ رۇسىيەگە ھەربىي ياردەم بېرىشىنى توختىماي تەنقىدلەپ كەلگەن بولسا، يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا خىتاي-رۇسىيە ھەربىي مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە، يەنى رۇسىيەنىڭ خىتاينى ئىلغار ھەربىي تېخنىكا بىلەن تەمىنلىشىگە قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلغار مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكىسى جەھەتتە خىتاي يەنىلا رۇسىيەگە موھتاج ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 163 قېتىم كۆرۈلدى
19/09/2024 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق