خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشىغا قارىتا ئۆچ ئېلىپ، ئامېرىكىنىڭ توققۇز ھەربىي سانائەت كارخانىسىغا جازا يۈرگۈزدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 18-سېنتەبىر خىتاي رېجىمى تەيۋەنگە قورال ساتقان ئامېرىكىنىڭ توققۇز ھەربىي سانائەت كارخانىسىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىقلار بار ئىكەن. بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشىنى چەكلەش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ئەڭ يېڭى تەدبىرى ئىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «ئامېرىكا ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىغا قارشى تەدبىر قوللىنىش توغرىسىدىكى قارار»دا ئامېرىكىنىڭ يېقىندا يەنە تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى جاكارلىغانلىقى، بۇ «بىر خىتاي» پىرىنسىپى ۋە خىتاي-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە باياناتىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ ئىكەنلىكى، بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.
جازانىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى بولسا جازالانغان شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى كۆچمە مۈلۈك، مۇقىم مۈلۈك ۋە باشقا ھەر خىل مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش بولۇپ، خىتاي تەۋەلىكىدىكى ئامېرىكا تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇلار بىلەن سودا ھەمكارلىقى ئورنىتىشى چەكلىنىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ جازا يۈرگۈزۈلگەن توققۇز ھەربىي سانائەت كارخانىسى بولسا Sierra Nevada Corporation، Stick Rudder Enterprises LLC، Cubic Corporation، S3 AeroDefense، TCOM, Limited Partnership، TextOre قاتارلىقلار ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ