لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسور راھىلە داۋۇتقا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى

خىتاي تۇتقۇن قىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان پىروفېسسور دوكتور راھىلە داۋۇت خانىمغا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى.

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىگە قاراشلىق شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى  (SOAS) بۇ يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا خەلقئارادا چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن ۋە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان يەتتە كىشىگە پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىق ئىنسانشۇناس، ئۇيغۇر تەتقىقاتچى پىروفېسسور دوكتور راھىلە داۋۇتمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن ئەدەبىيات پەنلىرى ساھەسىدە پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن. خىتاي تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان پىروفېسسور راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ بۇ ئۇنۋانغا ئېرىشىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمدا پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ شەرەپ سەھنىسىدىكى ئورنى بوش قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان قىزى ئەقىدە پولات سىن ئارقىلىق پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئانىسىغا ۋاكالىتەن قوبۇل قىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېت مەسئۇللىرىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەقىدە پولات سىنلىق ئۇچۇرىدا ئانىسىنىڭ بەش يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «ئانام بۈگۈن بۇ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالدى، ئەمما تۈرمىدىكى ئانام بۇ شەرەپلىك ئۇنۋاندىن بىخەۋەر. ئانامنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ مۇكاپاتنى ئانامغا لايىق كۆرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئانامنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغان ھەممەيلەنگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېگەن.

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىروفېسسور راھىلە داۋۇتقا ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش تەلىپىنى سۇنغۇچى، مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رېيچىل ھارىس شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان بۇ مۇكاپاتنى بېرىشىنىڭ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى، پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ مەزكۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا تۆھپە قوشقان مۇھىم بىر ئاكادېمىك ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۇنۋان ئارقىلىق ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىغا قاراتقان جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ بۇ ئۇنۋانغا ئېرىشىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇ يەنە پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ تۆھپىكار بىر ئاكادېمىك ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىنىي ئەنئەنىلىرى ھەققىدە مىسلىسىز ئېتنوگرافىيەلىك مەلۇماتلارنى توپلىغانلىقىنى، بۇ مەلۇماتلارنىڭ توغرا ئارخىپلاشتۇرۇلۇشى ۋە خەلقئارالىق مەدەنىيەت ساھەسى بىلەن ئورتاقلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ئىنستىتۇتنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىروفېسسور دوكتور راھىلە داۋۇت خانىم قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ پىروفېسسورى، ئۇيغۇر فولكلور ساھەسىدىكى مۇھىم ئىنسانشۇناس ۋە ئېتنوگرافىيە تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ تەتقىقات داۋامىدا خارۋارد ۋە كامبىرىج قاتارلىق غەربتىكى كۆپلىگەن داڭلىق ئورگانلار بىلەن ھەمكارلاشقان. ئۇ ئۇيغۇر فولكلورى ۋە مازار تەتقىقاتى ساھەسىدە خەلقئارالىق شان-شەرەپكە ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئالىمى ئىدى.

خىتاي پىروفېسسور دوكتور راھىلە داۋۇت خانىمنى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۇتقۇن قىلغان. ئۇ بىر يىلدىن كېيىن، يەنى 2018-يىلى 12-ئايدا «بۆلگۈنچىلىك»، «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان كەلتۈرۈش» دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. پىروفېسسور راھىلە داۋۇت بۇ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەرزى رەت قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 397 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2024 17:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق