ياپونىيەلىك ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزاسى ھۆكۈمەتنى خىتايغا قاتتىق قول بولۇشقا چاقىردى

ياپونىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە ئېرى ياپونىيەنىڭ خىتايغا قارىتا پاسسىپ ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئاساسىي قانۇننى تۈزىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

نىككېي ئاسىيا تورىنىڭ 15-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە ئېرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسىگە قارىتا قاتتىق قول بولۇشقا چاقىرغان ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۈچىيىۋاتقان ھەربىي تەھدىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرۇشقا چاقىرغان.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئۆتكۈزگەن سىدنېي دىيالوگىغا قاتناشقان ئارفىيە خانىم نىككېي ئاسىيا گېزىتىنىڭ سىدنېيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ زىيارەتتە خىتايغا قارشى كەسكىن تەنقىدلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ياپونىيەنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا قاتتىق قول بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ سۆزىدە يەنە ياپونىيەنىڭ بەزى غەرب دۆلەتلىرىگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مۈجمەل مەيدانىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئارفىيە ئېرى ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي، سودا مۇناسىۋىتى بار نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ياپونىيەنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغۇچى بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى نامۇۋاپىق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ ياپونىيەدىكى تۇنجى ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، بۇلتۇر 4-ئايدا نۆۋەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى سۈپىتىدە، باش ۋەزىر فۇمىئو كىشىدانىڭ ئالاھىدە كۆرسىتىشىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇ چىبا شەھەرلىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى سايلىمىدا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 372 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2024 16:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق