خىتاينىڭ 2023-يىلىدىكى قەرزى 70 تىرىليوندىن ئاشقان

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ھۆكۈمەت قەرزى دوكلاتىدا، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ ئومۇمىي قەرزىنىڭ 70.77 تىرىليوندىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنى 10-سېنتەبىردىن 13-سېنتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 10-سېنتەبىردىكى يىغىندا خىتاي مالىيە مىنىستىرى لەن فوئەن «2023-يىللىق ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات»نى ئېلان قىلغان. مەزكۇر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي رېجىمىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن قەرزى 70 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

بېيجىڭ گېزىتىنىڭ 14-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى دوكلات سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى ئىكەن.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە خىتاي رېجىمىنىڭ قانۇنىي ھۆكۈمەت قەرز قالدۇقى 70.77 تىرىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت قەرز قالدۇقى 30.03 تىرىليون يۈەن بولۇپ، ئىچكى قەرز قالدۇقى 29.70 تىرىليون يۈەن، تاشقى قەرز قالدۇقى 334.6 مىليارد يۈەن ئىكەن. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز قالدۇقى 40.74 تىرىليون يۈەن بولۇپ، يەرلىك قەرز مىقدارى مەركىزىي ھۆكۈمەت قەرزىدىن يۇقىرى بولۇپ چىققان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارانىڭ بېسىمى ۋە جازاسىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ جازالىنىشى ۋە خىتاينىڭ يېقىنقى سىياسەتلىرىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، چەت ئەل شىركەتلىرى، ھەتتا خىتاي بايلىرىنىڭ مەبلىغىنى تەدرىجىي خىتايدىن يۆتكىگەنلىكىنى، بۇ بىر قاتار سەۋەبلەر خىتاي ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، قەرزىنىڭمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 358 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2024 16:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق