پارلامېنت ئەزاسى ئەنگلىيەنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشكە چاقىردى

ئەنگلىيەنىڭ تەسىر كۈچكە ئىگە بىر پارلامېنت ئەزاسى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقارغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورتىنى چەكلەشكە، شۇنداقلا خىتاينىڭ پارچە سېتىش شىركىتى Shein نىڭ ئەنگلىيە بازىرىغا كىرىشىنى قاتتىق تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 16-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ نوپۇزلۇق پارلامېنت ئەزاسى، پارتىيە ھالقىغان سودا ۋە تىجارەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى لىيام بېرن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئامېرىكا پارلامېنتى 2021-يىلى ماقۇللىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»غا ئوخشاش قانۇن ماقۇللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لىيام بېرن رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئەۋەتكەن خېتىدە: «مەن يېڭى ھاكىمىيەتكە چىققان ئەمگەك پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى 2022-يىلىدىكى ئايال پادىشاھ نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان ۋەدىسىنى ئورۇنلىشىنى، يەنى زامانىۋى قۇللۇققا قارشى قانۇننى كۈچەيتىشىنى ھەمدە تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدە دوكلات بېرىش تەلىپىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەلەپنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئەنگلىيەنىڭ ئەركىن، ئادىل ۋە ئىشەنچلىك بولغان سودا ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى قايتا تىكلىيەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ يىل 6-ئايدا خىتاينىڭ پارچە سېتىش شىركىتى Shein نىڭ ئەنگلىيە پاي بازىرىغا كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، لىيام بېرن قاتارلىق بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى مەزكۇر خىتاي شىركىتى ۋە ئۇنىڭ ئەمگەك ئۇسۇلىنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. نۆۋەتتە Shein شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 665 قېتىم كۆرۈلدى
17/09/2024 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق