خىتاي ئۇيغۇرلارنى سۈرگۈن قىلىپ، ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي چاقماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش»، «تەرەققىيات رايونىغا ئۇدۇل كېلىپ قېلىش» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن چېقىش، خەلقنى سۈرگۈن قىلىش جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم 16-سېنتەبىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تارقاتقان بىر قانچە سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، تاشقورغان ناھىيەسى ۋاچا يېزا قۇراغ كەنتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن.

مەزكۇر سىندا خىتاي مەجبۇرىي چاقماقچى بولغان ئۆينىڭ ئەسلى كۆرۈنۈشى، چېقىلغاندىن كېيىنكى خارابىلىكلىرى سېلىشتۇرۇلغان. سىندا كۆرسىتىلىشىچە، مەجبۇرىي چېقىلماقچى ئۆي ھەرخىل گۈزەل نەقىشلەر ۋە ئويمىلار بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا بېزەلگەن، كۆركەم سىرلانغان، ئۆينىڭ تۈۋرۈكلىرى، تام، تورۇس ۋە لىملىرىغا نەقىش ئويۇلغان بولۇپ، سېلىنغىنىغا تېخى ئۇزاق بولمىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. مەزكۇر سىندا خىتايچە: «يۇرتۇمدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىدى، ئۆيۈم مەجبۇرىي چېقىۋېتىلدى» دېگەن نارازىلىق سۆزلىرى يېزىلغان.

مەزكۇر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئايۋاننىڭ ئويما تۈۋرۈكلىرى ئۆي چېقىلغاندىن كېيىنمۇ يىقىلماي مەزمۇت تۇرغان بولۇپ، بۇ قىلمىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي دەۋا قىلىۋاتقىنىدەك ئاتالمىش «كونا، ئاجىز ئۆيلەرنى يېڭىلاپ سېلىش» ئەمەس، بەلكى يېڭى سېلىنغان ئۆيلەرنىمۇ مەجبۇرىي چېقىش، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىش جىنايىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

يەنە بىر سىندا بولسا ئۆيىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تالادا قالغانلىقى، يوتقان-كۆرپىلىرىنىڭ ئېتىزلىققا تاشلاپ قويۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئالاقىدار باشقا بىر سىندا ئۆي ئىگىسى ئايالنىڭ مەجبۇرىي چېقىلغان ئۆيى ھەققىدە كەنت كومىتېتىغا كىرىپ شىكايەت قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، كەنتتىكى خىتاي ئەمەلدار شىكايەت قىلغان ئايالنى قوپاللىق بىلەن قوغلاپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئايال چىققىلى ئۇنىمىغان. ئاخىر خىتاي ئەمەلدار كەنت كومىتېتىدىكى چاپارمەنلىرىنى مەزكۇر ئايالنى قوغلاپ چىقىرىشقا بۇيرۇغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2010-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش» نامىدا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىشكە، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى جەمئىي 1 مىليون 797 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي چېقىپ ئۆزگەرتىلگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى زور كۆلەمدە تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن دىنىي، مىللىي قىممەت قاراشلىرىدىن، ئۆز كۈلتۈرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ، نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى كۆزدىن يوقىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر-ئىسلام ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى، ھويلا-ئاراملارنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەجبۇرىي چېقىپ، ئۇيغۇر مەھەللىرىنى ۋەيران قىلماقتا. تارقالغان سىنلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قىلچە پەسەيمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە تۈرلۈك يوسۇندا كۈچەپ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 726 قېتىم كۆرۈلدى
17/09/2024 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق