خىتاي پۈتكۈل جەنۇبىي ئاسىيادا زور توسالغۇلارغا دۇچ كەلمەكتە

جەنۇبىي ئاسىيادىكى خىتاي مەبلەغ سالغان تۈرلەر گېئوپولىتىكىلىق جىددىيچىلىك، ئىقتىسادىي خىرىسلار ئىچىدە ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كەلمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 14-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باشلىغان ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرى بىر مەزگىل جەنۇبىي ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسىي كۈچ دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر پۈتكۈل جەنۇبىي ئاسىيادا چوڭ توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەن.

پاكىستاندىن تارتىپ سىرىلانكا ۋە نېپالغىچە خىتاي مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى بىخەتەرلىك مەسىلىسى، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي جىددىيچىلىك، گېئوپولىتىكىلىق رىقابەت قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۇنداقتىمۇ خىتاي يەنىلا بۇ رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە تەرەققىياتىدىكى مۇھىم قاتناشقۇچى بولۇپ، بۇ ئەھۋاللار خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى كەلگۈسى رولى ۋە مەبلەغ سېلىش ئىستىقبالى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان.

خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانى ئىچىدىكى مۇھىم شېرىك دۆلەت بولغان پاكىستاندىكى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى (CPEC) قۇرۇلۇشى داۋاملىق بىخەتەرلىك جەھەتتىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. بولۇپمۇ بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە خىتاي خادىملىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇم ۋەقەلىرى كۆپ قېتىم يۈز بېرىپ، قۇرۇلۇشنىڭ كېچىكىشى ۋە چىقىمنىڭ زور مىقداردا ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ھىندىستان خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مەبلەغ سېلىشىنى تەھدىت دەپ قاراپ، تەسىر كۈچى ئارقىلىق خىتاي قۇرۇلۇشلىرىنى توسۇشقا ياكى توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان. ھىندىستان خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى، بولۇپمۇ پاكىستانغا مەبلەغ سېلىشىنى ھىندىستانغا قارىتىلغان تەھدىت دەپ قارايدىكەن. بۇنى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولمىسىمۇ، ھىندىستان ئۆز تەسىرى ئارقىلىق بۇ رايوندىكى خىتاي قۇرۇلۇشلىرىنى ئاكتىپ ھالدا توسۇشقا ياكى توسالغۇ پەيدا قىلىشقا تىرىشماقتىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر يەنە پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى، پاكىستاندىكى سىياسىي نىزالار، ئىقتىسادىي ئاجىزلىق ۋە بۇنىڭغا قوشۇلغان بىخەتەرلىك مەسىلىسى خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش پىلانىغا نىسبەتەن ئېغىر سىناقلارغا تولغان بىر مۇھىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 618 قېتىم كۆرۈلدى
17/09/2024 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق