ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي ئەمەلدارلار سۆھبىتى ئاخىرلاشتى

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى مۇزاكىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 16-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى بېيجىڭدا قەرەللىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بۇ سۆھبەت ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشى سەۋەبلىك ئىككى يىل توختاپ قالغاندىن كېيىن، بۇ يىل 1-ئايدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇ قېتىملىق سۆھبەت 15-سېنتەبىر ئاخىرلاشقان بولۇپ، ھەربىي ئەمەلدارلار تەيۋەن، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە جەنۇبىي دېڭىزىدىكى توقۇنۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي، تەيۋەن ۋە موڭغۇلىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى مايكېل چېيس ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى ماسلاشتۇرۇش سۆھبىتىگە قاتناشقان بولۇپ، ئالدىنقى قېتىملىق سۆھبەت يانۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن. گەرچە بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى ۋە تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك پىكىر ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغان.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى مۇخبىرلارغا ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتتە خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى جەريانىدا رۇسىيەگە بەرگەن ياردىمى ۋە جەنۇبىي دېڭىزىدىكى ھەرىكەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ھەققىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى بارغانسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، فىلىپپىن ساھىل ساقچىلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشلار كۆپەيگەن. ئەمما تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ساھىلدىكى فىلىپپىن پاراخوتى تۇرۇشلۇق يېرىدىن قوزغىلىپ، ئىلگىرىكىدەكلا كېمە ئەترىتىگە تەمىنات ۋە تېببىي ياردەم يەتكۈزگەن.

بۇ يىل 8-ئاۋغۇست فىلىپپىن ھۆكۈمىتى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تالاش-تارتىشلىق سىكاربورو ئارىلى ھاۋا تەۋەلىكىدە فىلىپپىن تەرەپنىڭ چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ئايروپىلانىغا دۈشمەنلەرچە ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى، كەم دېگەندە سەككىز تال يورۇتۇش بومبىسى ئاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. فىلىپپىن ھەربىي تەرەپ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «تەھدىت سېلىش، تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئالدامچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە» دەپ سۈپەتلىگەن ھەمدە خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى. خىتاي بولسا بۇرۇنقىدەكلا قىلمىشلىرىنى ئاقلاپ، فىلىپپىن ئايروپىلانىنىڭ خىتاي تەۋەلىكىگە بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى، خىتاي تەرەپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكەتلىرىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 593 قېتىم كۆرۈلدى
17/09/2024 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق