خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۆپەيتمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش جىنايىتىنى ماس قەدەمدە ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ رەزىل پىلانىغا ئاساسەن يېقىندا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىن ئۆي سېتىۋالغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 15 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 14-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى شەرقىي تۈركىستاندا تاۋار ئۆي ئىستېمالىنى قوزغىتىش ئۈچۈن، «8-دىۋىزىيە شىخەنزە شەھىرىنىڭ 2024-يىللىق تاۋار ئۆي ئىستېمال ياردەم تولۇقلىمىسى پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى يولغا قويغان. بۇ ھەرىكەتكە ئاساسەن، 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە سىياسەت يولغا قويۇلغان مەزگىلدە، يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي سېتىۋالغان ھەمدە يەتتە كۈن ئىچىدە تاۋار ئۆي ئېلىم-سېتىم توختامىنى ئەنگە ئالدۇرۇشنى تاماملىغان ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا 8-دىۋىزىيە شىخەنزە شەھىرى ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بېلىتى تولۇقلىمىسى بېرىدىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي جەھەتتە، كېلىشىم ئىمزالىغان تاۋار ئۆي كۆلىمى 100 كىۋادرات مېتىردىن تۆۋەن بولغان خېرىدارلارغا ھەر بىر يۈرۈش ئۆي ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەن ئىستېمال بېلىتى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىكەن. 100 كىۋادرات مېتىر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان خېرىدارلارنىڭ ھەر بىر يۈرۈش ئۆيىگە 15 مىڭ يۈەن ئىستېمال بېلىتى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىكەن.

يېڭىدىن سېلىنغان سودا مۇلازىمەت ئۆيى جەھەتتە، سودا مۇلازىمەت ئۆيىنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون يۈەنگىچە بولغان خېرىدارلارغا ھەر بىر يۈرۈش ئۆي ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەنلىك ئىستېمال بېلىتى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىكەن. پۈتۈشۈش سوممىسى 1 مىليون يۈەندىن ئاشقان خېرىدارلارغا ھەر بىر يۈرۈش ئۆي ئۈچۈن 15 مىڭ يۈەنلىك ئىستېمال بېلىتى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھەرخىل ناملاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئاققۇنلارنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ كەلمەكتە. بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان سىنلاردىمۇ خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە چاقىرىلىپ، ئاققۇنلارغا ھەقسىز يەر، ھەقسىز ئۆي، ئۆسۈمسىز قەرز، زور مىقداردا ياردەم پۇلى تەمىنلىنىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان. ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار يەر-زېمىن، خىزمەت، ھۈنەرلىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، ئالاھىدە يۇقىرى تەمىناتلار، تۈرلۈك ناملار بىلەن زور مىقداردىكى خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ھەرىكىتىنى ئىزچىل، جىددىي داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ تەشۋىقات ئادىتىگە قارىغاندا، ھەقىقىي ساننىڭ خىتاي رەسمىي ئېلان قىلغاندىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 777 قېتىم كۆرۈلدى
16/09/2024 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق