گوللاندىيە پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسىنى رەت قىلدى

گوللاندىيە پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارى بېيجىڭنىڭ تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى بېكىتكەن» دېگەن دەۋاسىنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوللاندىيە پارلامېنتى 12-سېنتەبىر 3 كە قارشى 147 ئاۋاز بىلەن، خىتاي سىياسىتى خەلقئارا پارلامېنت ئىتتىپاقىنىڭ (IPAC) بىرلەشمە رەئىسى، گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى يان پاتېرنوتې سۇنغان ب د ت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىغا ئالاقىدار تەكلىپىنى ماقۇللىغان ۋە شۇنداقلا گوللاندىيە ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر تەكلىپنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت نىڭ 79-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 11-سېنتەبىر نىيۇيوركقا جايلاشقان ب د ت باش ئىشتابىدا ئېچىلىدىغان بولۇپ، دەل ئومۇمىي يىغىن ئېچىلىدىغان مەزگىلدە گوللاندىيە پارلامېنتى تەيۋەننىڭ ب د ت غا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا قاتنىشىشىنى قوللايدىغان بۇ تەكلىپنى ماقۇللىغان. ئۇندىن باشقا، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىمۇ ئۆتكەن ئايدا پارلامېنت ئەزالىرىدىن داۋىد فاۋسېت ۋە دېبورا ئونېيل ئوتتۇرىغا قويغان ئوخشاش تەكلىپنى ماقۇللىغان بولۇپ، مەزكۇر تەكلىپ ب د ت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىنىڭ ئەسلى مەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، يەنى بۇ قارارنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەنگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى بېكىتمەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي سىياسىتى خەلقئارا پارلامېنت ئىتتىپاقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 40 پارلامېنتتىن كەلگەن تەخمىنەن 250 پارلامېنت ئەزاسىدىن تەشكىل تاپقان خەلقئارالىق ئىتتىپاق بولۇپ، ئۇنىڭ نىشانى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىنىڭ ئاساسىي قائىدىلەر ۋە ۋە ئىنسان ھەقلىرى تۈزۈمىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتىنى توسۇشنى نىشان قىلىدىكەن.

خىتاي سىياسىتى خەلقئارا پارلامېنت ئىتتىپاقى بۇ يىل 7-ئايدا تەيۋەندە يىللىق يىغىن ئاچقان بولۇپ، گوللاندىيە پارلامېنتىغا تەكلىپ سۇنغان پارلامېنت ئەزاسى پاتېرنوتې ۋە ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى فاۋسېت ۋە ئونېيللار ئۆز ۋاقتىدا تەيۋەنگە بېرىپ يىللىق يىغىنغا قاتناشقان. بۇ يىللىق يىغىندا ب د ت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىغا ئالاقىدار قارار تېكىستىنىڭ ئۈلگە نۇسخىسى ماقۇللانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 730 قېتىم كۆرۈلدى
16/09/2024 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق