يېڭى دېھلىدا ھىندىستان-ئۇيغۇر قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات بىرلىكى ھەيئىتى ھىندىستان زىيارىتى جەريانىدا، ھىندىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن پايتەخت يېڭى دېھلىدا قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنى ئۆتكۈزدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 8-سېنتەبىردىن تارتىپ ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، ھىندىستاندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن يېڭى بىر خىزمەت، ھەرىكەت مەيدانى ۋە مۇھىتى يارىتىش، ئۇنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بىر قىسىم سىياسىيونلار، ئاكادېمىكلار، پارلامېنت ئەزالىرى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە مۇخبىرلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئۈنۈملۈك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزگەن.

ھەيئەت 13-سېنتەبىر يېڭى دېھلىدا «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى سائۇراب سارمانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەتراپلىق تونۇشتۇرغان. سۆھبەت ئاخىردا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ھىندىستان تاراتقۇلىرىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە پىكىرلەشكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەيئەتنىڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلىشتىكى مۇھىم مەقسەتلىرىدىن بىرى ھىندىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە باغلاش بولۇپ، جىددىي ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ھىندىستان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ جامائەت ئەربابلىرى ۋە يېتەكچىلىرى بىلەن ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئالاھىدە ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

ھەيئەتنىڭ ھىندىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى ۋە ئۇلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇشىدا ھىندىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆپلىگەن پىداكارلىقنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ھەيئەت بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان ئۇيغۇرلار بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش ئۈچۈن ھىندىستان شەرقىي تۈركىستانغا چېگرالىنىدىغان جاممۇ كەشمىر، لاداخ ۋە كارگىل رايونلىرىدىن ئۇزۇن ۋە جاپالىق يوللاردىن بېسىپ ئۆتۈپ، پايتەخت يېڭى دېھلىگە كەلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھىندىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرى بار بولۇپ، بۇ قېتىملىق قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇرغان. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەيئەت يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زىياپەت ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويغان.

تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ ھىندىستاندىكى زىيارىتى ۋە بۇ جەرياندىكى ئالاقە ئىشلىرىغا ھىندىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاسىم ئابدۇللاھ ئەپەندى بىلەن ئادۋوكات مۇھەممەد شافې لاسسۇ ئەپەندىلەر ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.

ھەيئەتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتتىكى مۇھىم نەتىجىلىرىدىن بىرى «ھىندىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ قۇرۇلۇشى بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ھىندىستان ۋەكىلى ۋاسىم ئابدۇللاھ ئەپەندى جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلى بولۇپ تەيىنلەنگەن. جەمئىيەت تەشكىللەش يىغىنىدا ھىندىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، بۇ جەمئىيەتنى قۇرۇش ئارقىلىق ھىندىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن مۇھاجىرەتتىكى باشقا ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش، ھىندىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، تىلى، مەدەنىيىتىنى جانلاندۇرۇش جەھەتتىن سەھىپە ئېچىلغان.

ھەيئەتنىڭ بۇ قېتىملىق ھىندىستان زىيارىتىنىڭ نەتىجىسىنى ھىندىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈرىنى جانلاندۇرۇش ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھىندىستان جەمئىيىتىگە تونۇشتۇرۇش، ھىندىستاندىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مائارىپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ياخشىلاشقا ھەرىكەت قىلىش، ھىندىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋاسىتىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋە ھىندىستان خەلقى ئارىسىدىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە، قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئېرىشىشكە، جەمئىيەت ۋە دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ئاخىرىدا ھىندىستان تەرەپ بىلەن مۇھىم مەسىلىلەرنى ئىنچىكە مۇزاكىرە قىلىش باسقۇچىغا يېتىپ بېرىش قاتارلىق نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدىكەن.

نۆۋەتتە ھىندىستاندىكى ئۇيغۇرلار ياشايدىغان جامۇ كەشمىر، لاداخ ۋە كارگىل رايونى قەدىمكى لاداخ يولىنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، لاداخ ۋە جامۇ كەشمىر (سىرىناگار) ئەسىرلەردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد، سىياسەت، ساياھەت ۋە تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىش جەھەتتىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1044 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2024 19:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق