خىتاي شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىدا يېڭى ۋاسىتە قوللىنىشقا باشلىدى

خىتاي غەرب دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى توغرىسىدىكى بايانلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، يېڭىچە تەشۋىقات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 13-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بېرى خىتاي توختىماي چەت ئەللىك تور چولپانلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي يەنە سېنتەبىر ئېيىدا بىر خەلقئارالىق ئالاقە مەركىزى قۇرۇپ، تىبەت خەلقىنىڭ كىرىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقى قاتارلىق خىتايغا پايدىلىق مەزمۇنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سىنلارنى ئىشلەپ چىققان.

چەت ئەللىك تور چولپانلىرى خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ماس ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى، خىتايچە، ئۇيغۇرچە يېزىلغان يول تاختىلىرىنى كۆپلەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، خەلقنىڭ خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتىنى قوغداۋاتقانلىقىدەك ساختا كۆرۈنۈشنى نامايان قىلىشقا ئۇرۇنغان.

2017-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خىتاينى نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىغانلىقى ياكى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋەتكەنلىكى، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرنى خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەپ كەلدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى 2021-يىلى ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى ماقۇللىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى يەنە خىتاينى تىبەت ئۆسمۈرلىرىگە مەجبۇرىي خىتاي تىلى ئۆگىتىش، يېزا-قىشلاقلاردىكى يۈز مىڭلىغان تىبەتلەرنى شەھەر رايونلىرىغا كۆچۈشكە مەجبۇرلاش، رەسمىي ھۆججەتلەردە «تىبەت» دېگەن نامنى «شىزاڭ» دېگەن نامغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تىبەت تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

تەيۋەن ھۆكۈمىتى 5-سېنتەبىر خىتاينىڭ تەيۋەنلىك تور چولپانلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلىۋاتقانلىقى ۋە تور چولپانلىرىنىڭ قىسقا سىنلار ئارقىلىق تىبەت ھەققىدە خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

تەيۋەننىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرى تەيۋەنلىك تور چولپانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆپەيتىش مەسىلىسىنى تەكشۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە شۇنداقلا تور چولپانلىرىنى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىدىن مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، تەيۋەننىڭ سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1138 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2024 18:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق