ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى يېڭى ئورنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى

ئامېرىكىدا بىر نەچچە يىل بۇرۇن قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى ئۇزۇن مەزگىللىك تىرىشچانلىق ئارقىلىق يېڭىدىن ئورۇن سېتىۋالغان بولۇپ، 7-سېنتەبىر يېڭى ئورنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا ۋىرگىنىيە ۋە مەرىلەندتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ تېكساس، نىيۇيورك، فىلورىدا، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تۈرك ۋە باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 300 يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. مۇراسىمغا يەنە ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان دارۇننۇر مەسچىتىنىڭ رەئىسى ۋە ھەممىگە ئادالەت تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلى رافى قاتارلىق تەشكىلات ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان.

مۇراسىم ئارسلان ھىدايەت ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلانغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر قارى قۇرئان تىلاۋىتى قىلغان. ئارقىدىن ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن زۇلپىقار مۇستافا ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنىڭ 2021-يىلى قۇربان ھېيتتا قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۈچ يىل جەريانىدىكى خىزمەتلىرىنى ۋە ئىقتىساد توپلاش جەريانى، ئىقتىسادىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە مەركەزنىڭ تەرەققىياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.

مۇراسىم ئارىسىدا ئورۇن سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىنغان قەرزنى قايتۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش ئۈچۈن ئىئانە توپلانغان بولۇپ، ئىئانە توپلاش جەريانىدا ئىككى ئۇيغۇر خانىمنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەت باھالىق تويلۇق ئۈزۈك ۋە ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى سېخىيلارچە ئىئانە قىلىشى مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن بولسا، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋالغۇچىنىڭ زىبۇ-زىننەتلەرنى قايتىدىن ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى ھەممەيلەننى قايتىدىن ھاياجانغا سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1191 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2024 18:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق