ئانتالىيەدە تۈرك دۇنياسى تۈركمەن كۆچمەنلەر فېستىۋال ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە ۋىلايىتىدىكى دۆشەمەئالتى كارامان سەيلىگاھ رايونىدا 13-سېنتەبىر ئۈچىنچى نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى تۈركمەن كۆچمەنلەر فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، فېستىۋالغا تۈركمەنلەر، تۈرك، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ئۆزبېك قاتارلىق تۈرك سىستېمىسى تەۋە مىللەتلەر ئىشتىراك قىلغان.

فېستىۋال ئانتالىيە ۋىلايىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى يارمۇھەممەد ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئىشتىراك قىلغان. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىم ئىشتىراك قىلغان.

ئانتالىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق تۈركىي دۆلەتلەردىن ھەر ساھە كىشىلىرىنى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇلار بىردەك تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر ساھەدىكى پارلاق مەدەنىيىتى نامايان قىلغان.

پائالىيەت مەيدانىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈرى، تۈرلۈك ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تارىخىنى تونۇشتۇرغان.

بۇ قېتىملىق فېستىۋالدا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ئۆي-بىسات، سەنئەت قاتارلىق ھەرخىل مەدەنىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھماننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق فېستىۋال 15-سېنتەبىر ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، 35 شەھەر، 59 مۇھاجىر تۈركمەن جەمئىيىتى، 25 ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەتكارى قاتناشقان. فېستىۋالغا 19 مۇستەقىل ۋە ئاپتونومىيەلىك جۇمھۇرىيەت ۋە دۆلەتلەر قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇستەقىل يەتتە تۈركىي جۇمھۇرىيەتنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بار ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1090 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2024 18:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق