خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىدىن تۈركىيە ۋە ھىندىستانغا مەبلەغ سالماسلىقنى تەلەپ قىلغان

خىتاي ئاپتوموبىل شىركەتلىرى جازا خاراكتېرلىك باجدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زاۋۇت قۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي رېجىمى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەردىن ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئامال بار خىتاي ئىچىدە ساقلاشنى، ھىندىستان، تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىشتىن ساقلىنىشنى قاتتىق تەكىتلىگەن.

بىلومبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ 13-سېنتەبىر ئۇچۇر مەنبەسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى يەرلىك ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنى چەت ئەلدىكى زاۋۇتلىرىغا پارچە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئېكسپورت قىلىشقا چاقىرغان. بۇنىڭدىكى مەقسەت مۇھىم ئۈسكۈنىلەرنى خىتاي ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىپ، ئاندىن باشقا دۆلەتكە ئەۋەتىپ قۇراشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق تېخنىكىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇ يىل 7-ئايدا ئون نەچچە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن يىغىن ئېچىپ، ئۇلارنى ھىندىستاندا ئاپتوموبىلغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق مەبلەغ سالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەگە مەبلەغ سالماقچى بولغان ماشىنا شىركەتلىرىنىڭ ئالدى بىلەن سانائەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسىغا ئالدىن مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىنى قوغداش ۋە نازارەت خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن قوللانغان يەنە بىر تەدبىرى ئىكەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم ئىش باسقۇچلىرى خىتايدا تاماملىنىشى كېرەك ئىكەن. بۇ يەرلىك ماشىنا زاۋۇتلىرىنىڭ خەلقئارالىشىش تىرىشچانلىقىغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرى كەسكىن رىقابەت ۋە ئىچكى بازار سودىسىنىڭ ئاجىزلاش تەسىرىنى يېڭىش ئۈچۈن يېڭى خېرىدارلارنى ئىزدىمەكتىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ تەدبىرى خىتاي ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنى جەلپ قىلىۋاتقان ياۋروپا دۆلەتلىرىگىمۇ زەربە بېرىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر خىتاي ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ دۆلىتىدە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ، يەرلىك ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. جۈملىدىن BYD شىركىتىمۇ تۈركىيەدە زاۋۇت قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 150 مىڭ بولۇشى ۋە 5000 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنگەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى يىغىندا خىتاي ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىنى زاۋۇت قۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئادەتتە خىتايدىن كەلگەن ماشىنىلارغا سودا توسالغۇسى ئورناتقان ياكى ئورنىتىشنى ئويلىشىۋاتقان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ قارىغۇلارچە يۈزلىنىشكە ئەگىشىپ كەتمەسلىكى ياكى چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش تەكلىپىگە ئىشەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1261 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2024 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق