ھىندىستان خىتاي پولات مەھسۇلاتلىرىنىڭ بېجىنى ئۆستۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈردى

ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاي ۋە ۋىيېتنامنىڭ بەزى پولات مەھسۇلاتلىرىنىڭ بېجىنى 12% تىن %30 كىچە ئۆستۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 12-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان مالىيە مىنىستىرلىقى خىتاي ۋە ۋىيېتنامنىڭ بەزى پولات مەھسۇلاتلىرىغا %12 تىن %30 كىچە ئىمپورت بېجى قويۇش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۆز دۆلىتىنىڭ كارخانىلىرىنى قوغداش ۋە ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەن.

بۇ بۇيرۇق 10-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھىندىستان مالىيە مىنىستىرلىقى كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پولات ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن بولغان خىتاي ۋە ۋىيېتنامنىڭ ھىندىستانغا ئېكسپورت قىلىدىغان داتلاشماس پولات تۇرۇبىلىرىغا باج قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2020-يىلى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ھىمالايا چېگراسىدا ھىندىستان بىلەن خىتاي ئەسكەرلىرى ئارىسىدا ئېغىر توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن بۇيان، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت داۋاملىق جىددىيچىلىكنى ساقلاپ كەلگەن. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاي مەبلىغىگە بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن ۋە بەزى چوڭ تۈرلەرنى توختاتقان.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام جايشانكار سەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن داۋام قىلىۋاتقان سودىلىرىنى توختاتمىغانلىقىنى، لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە خىتاينىڭ قايسى ساھەلەردە ۋە قانداق شەرتلەر ئاستىدا سودا قىلىۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرمىگەن.

بۇ يىل 8-ئايدا ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋىيېتنامنىڭ ھىندىستانغا ئېكسپورت قىلغان بەزى پولات مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تەكشۈرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1192 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2024 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق