خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى مەسىلىسىدە يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز 9-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئىيوردانىيە، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا، مالى، لائوس، مالدىۋې، سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن.

ما شىڭرۈي كۆرۈشۈشتە: «ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا بوھتان چاپلىشى ۋە قارا سۈركىشىنىڭ پاكىت ئاساسى يوق. ھەرقايسى ئەلچىلەر بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە-زىيارەتتە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، مىللەت، دىن، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى» دەپ بىلجىرلىغان.

خەۋەردە ئەلچىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتتە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىكەنلىكىنى، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقانلىقى دەۋا قىلىنغان.

يەنە بىر خەۋەردە بولسا ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېيتسارىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 60 قا يېقىن ساياھەت سودىگىرىنىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغانلىقى، 9-سېنتەبىر ما شىڭرۈي بىلەن ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئۈرۈمچىدە دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ ساياھەت مۇتەخەسسىسى مارى پىئېر مودى ۋە ئالاقىدار ساياھەت سودىگەرلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئۇچرىشىشتا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بىلەن بولغان مەدەنىيەت-ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غايەت زور خىراجەت ئاجرىتىپ، ساياھەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، چەكلىك ئورۇنلارنى كۆرگەن زىيارەتچى، ساياھەتچىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى بىلەلمەيلا قالماستىن، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىنى ئاڭلىدى. تۈرلۈك زىيارەت ئۆمەكلىرى خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ئىشەندى ياكى ماسلاشتى.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، دىنىي باستۇرۇش، جازا لاگېرىغا كەڭ كۆلەملىك قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش، تۇغۇت چەكلەش، ئۆسمۈرلەرنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش... قاتارلىق سانسىزلىغان ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1303 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2024 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق