تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبە مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلدى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبەسى كومىتېتىنىڭ 34 ھەرپتىن تەركىب تاپقان ئورتاق تۈرك تىلى ئېلىپبەسى تەكلىپىنى ماقۇللىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

تۈركىيە خەۋەرلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستان پايتەختى ئاستانىگە جايلاشقان تۈرك ئاكادېمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈرك ئاكادېمىيەسى بىلەن تۈركىيە تىل-يېزىق ئورگىنى ھەمكارلىقىدا، 9-سېنتەبىردىن 11-سېنتەبىرگىچە ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبەسى كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلغانلىقىنى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبەسى كومىتېتى ئەزالىرى يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

باياناتتا: «يىغىننىڭ ئاساسلىق نىشانى بۇ ساھەدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مەلۇماتلار ۋە تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبە كومىتېتىنىڭ ئىككى يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ، تۈرك تىللىرىنىڭ ئورتاق ئېلىپبەسىنى تۈزۈش لايىھەسى خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش» دېيىلگەن.

باياناتتا يەنە يىغىندا 1991-يىلى ئالىملار تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان لاتىنچە ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى لايىھەسىنىڭ سىستېمىلىق تەتقىق قىلىنغانلىقى، نەتىجىدە تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبە كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ بۇ ئېلىپبە لايىھەسىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا، جاپالىق خىزمەت ئىشلەش نەتىجىسىدە 34 ھەرپتىن تەركىب تاپقان ئورتاق تۈرك ئېلىپبە تۈزۈپ چىقىش ھەققىدىكى تەكلىپنىڭ بىردەك ماقۇللانغانلىقى، تەكلىپتە ئوتتۇرىغا قويغان ئېلىپبەسىدىكى ھەربىر ھەرپنىڭ تۈرك تىللىرىدا مەۋجۇت بولغان ئوخشىمىغان فونېمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە تۈركىيە تۈركچىسىدە ئىشلىتىلمەيدىغان  بەش ھەرپ (Ä - Ň - Ŭ -Q - X) مەۋجۇت بولغان ئورتاق ئېلىپبەنىڭ تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلىرى جەرياندا ئەمەلىي ئىشلىتىش باسقۇچىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1579 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2024 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق