تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ھىندىستاندا دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت 8-سېنتەبىردىن تارتىپ ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، 12-سېنتەبىر ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى رەھبىرى دالاي لامانىڭ ۋەكىلى جىگمە جۇڭنېي بىلەن كۆرۈشكەن.

بۇ جەرياندا ھەيئەت جىگمە جۇڭنېي ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرغان. سۆھبەت جەرياندا يەنە جىگمە جۇڭنېي ئەپەندى بىلەن ھىندىستاندا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە بىرلىكتە ھەمكارلىشىشنى مۇزاكىرە قىلغان.

ھەيئەت 11-سېنتەبىر يېڭى دېھلىغا جايلاشقان ھىندىستان ئىسلام كۈلتۈر مەركىزىنى زىيارەت قىلغان. ئۇندىن باشقا، ھەيئەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھىندىستاندا يېڭىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ۋەسىم ئابدۇللاھ ئەپەندى «ھىندىستان ئۇيغۇر جەمىيىتى»نىڭ رەئىسى ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ھىندىستان ۋەكىلى بولۇپ تەيىنلەنگەن. نۆۋەتتە جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ۋە تەرتىپلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتىكەن.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى قۇرۇلغاندىن بۇيان خەلق دىپلوماتىيە ھەرىكىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ياۋروپا، شەرقىي ئاسىيا، ئەرەب ئەللىرى، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى ھۆكۈمەت، تەشكىلات، ۋەقفىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە ۋە كۆپلىگەن تەشكىلاتلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1176 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2024 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق