خىتاينىڭ قاراقاش بازىرىدىكى مۇنارنى چېقىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي، مىللىي مەدەنىيىتىگە ئائىت مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى يوقىتىش جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، قاراقاش بازىرىنىڭ سىمۋول خارەكتىرلىك مۇنارىنى چېقىۋەتكەن.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت خانىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھرىلىگەن بىر سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىدىكى سىمۋوللۇق مۇنارنى چېقىۋەتكەن. مەزكۇر مۇنار ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە، قاراقاش بازىرىنىڭ سىمۋوللۇق مۇنارى بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا دىققەت قوزغىدى.

مەزكۇر مۇنارنىڭ ئۇچى گۈمبەز شەكلىدە ياسالغان بولۇپ، گۈمبەز ئاستىغا رەڭلىك چىراغ ئورنىتىلغان. ئادەتتە قاراقاش خەلقىلا ئەمەس، خوتەن خەلقىمۇ قاراقاشلىق يېقىنلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغاندا «مۇنار يېنىدا كۆرۈشەيلى» دەپ ئۇچرىشىش ئومۇملاشقان. سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇنارنىڭ چېقىلىشى قاراقاش خەلقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

مۇنارنىڭ تارىخى ھەققىدە مەلۇماتى بار قاراقاشلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قېتىم خىتاي چېقىۋەتكەن مۇنارنىڭ ئورنىدا ئەسلى يەتتە-سەككىز مېتىر ئېگىزلىكتە بىر مۇنار بار بولۇپ، مۇنارنىڭ ئۈستىدە ھەرخىل مېۋىلەرنىڭ ئويمىلىرى بار ئىكەن. بۇ قېتىم خىتاي چېقىۋەتكەن مۇنار 2003-2002-يىللىرى ئەتراپىدا ئەسلىدىكى مۇنارنىڭ ئورنىغا بۇ قېتىم خىتاي چېقىۋەتكەن چىراغ مۇنارى تىكلەنگەن. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار نەرسىلەرنى يوقىتىش رەزىل مەقسىتىدە چېقىۋەتكەن مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 40 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، مۇنارنىڭ ئۇچىغا گۈمبەز، گۈمبەزنىڭ ئاستىغا رەڭلىك چىراغ ئورنىتىلغان. شۇندىن بۇيان رەڭلىك، چىرايلىق مۇنار قاراقاش بازىرىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ بۇ مۇنارنىڭ رەڭلىك چىراغلىرى كېچىدە قاراقاش بازىرىنىڭ مەنزىرىسىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرگەن.   

شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي يۇتۇۋېلىش غەرىزىدە بولۇۋاتقان تاجاۋۇزچى خىتاي يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئۈزلۈكسىز ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يېقىنقى يىللاردا يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، جازا لاگېرلىرىغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، نارەسىدە ئۆسمۈرلەرنى ئاتالمىش «بالىلار باغچىسى» نامىدىكى بالىلار لاگېرىغا قاماپ، مىللىي كىملىكىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن يوقىتىشقا ئۇرۇنغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئىشغالىيەت سىياسىتى بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىش، سىڭدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن، ئاتالمىش يېڭى قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىپ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلماقتا. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر كۈلتۈرى، ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار بىناكارلىقلارنى چېقىپ ۋەيران قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1389 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2024 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق