كىرىزىسقا پاتقان خىتاي پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىشنى پىلانلىماقتا

خىتاي نوپۇس قېرىش كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي ئۇزارتىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 11-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى» بۇ ھەپتە «قانۇندا بېكىتىلگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي ھالدا ئۇزارتىش»قا ئائىت قارار لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلغان. خىتاي دۇنيادىكى پېنسىيەگە چىقىش يېشى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ئەمگەك قانۇنىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم قەدەمنىڭ بىرى ئىكەن. خىتاي رېجىمى پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق، ئەمگەك كۈچىنىڭ يېتىشمەسلىكى كەلتۈرۈپ چىققان ئىقتىسادىي بېسىمنى يېنىكلەتمەكچى ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى بۇ يىل 7-ئايدا قانۇنىي پېنسىيەگە چىقىشنى تەدرىجىي كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. نۆۋەتتە ئەرلەرنىڭ قانۇنىي پېنسىيەگە چىقىش يېشى 60 ياش بولۇپ، كۆپىنچە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشىدىن تەخمىنەن ئالتە ياش تۆۋەن ئىكەن. ئايال كادىرلارنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشى بولسا 55 ياش، ئايال ئىشچىلارنىڭ 50 ياش ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كىشىلەرنىڭ خىزمەت يىلىنى ئۇزارتىش پېنسىيە چىققانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش خامچوتىنىڭ بېسىمىنى بىر قەدەر يېنىكلىتەلەيدىكەن. چۈنكى خىتاينىڭ نۇرغۇن ئۆلكىلىرى ئاللىقاچان زور مىقداردىكى قىزىل رەقەمگە دۇچ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، پېنسىيەگە چىقىش مۇددىتىنى كېچىكتۈرۈپ، ياشانغان خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئورنىدا ئۇزۇنراق تۇرۇشىنى تەلەپ قىلالايدىكەن. بۇ تەدبىر ھەممە ئادەمنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاينىڭ رەسمىي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 10-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي يىغىندا بۇ تەكلىپ مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا قىزىق تېمىغا ئايلانغان. نۇرغۇن كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ چەكلىك خىزمەت ئورۇنلىرى ئۈچۈن قاتتىق رىقابەتلىشىشى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1389 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2024 10:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق