شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ تىپتىكى ۋانادىي، تىتانو ماگنېتىت كېنى بايقالدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى ئىزچىل بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يەنە يېڭىدىن چوڭ تىپتىكى ۋانادىي، تىتانو ماگنېتىت كېنىنى بايقىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 10-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» گېئولوگىيە ئىدارىسى قۇمۇل گېئولوگىيە گۇرۇپپا خادىملىرى يېقىندا قۇمۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى بۇلۇڭتوغراق يېزىسىدا يېڭىدىن چوڭ تىپتىكى بىر ۋانادىي، تىتانو ماگنېتىت كېنىنى بايقىغان. مۆلچەرلىنىشىچە، تۆمۈر رۇدىسى زاپىسى 358 مىليون توننا، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قېزىلما تىتان زاپىسى 21.5 مىليون توننا، فوسفور زاپىسى 5.55 مىليون توننىغا يېتىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋانادىي، تىتانو ماگنېتىت كېنى كۆپ خىل مېتال ئېلېمېنتلىرى بىرلىكتە مەۋجۇت بولغان بىرىكمە كان بولۇپ، ئاساسلىقى تۆمۈر، ۋانادىي، تىتان قاتارلىق ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماگنىتلىق تۆمۈر رۇدىسىدىن تەركىب تاپقان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ» گېئولوگىيە ئىدارىسى قۇمۇل گېئولوگىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ كان زاپىسى چوڭ تىپتىكى تۆمۈر كانى، چوڭ تىپتىكى تىتان كانى ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى فوسفور كانى كۆلىمىگە يەتكەن بولۇپ، كان رايونىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمى ۋە ئەتراپىدا يەنىلا ياخشى كان ھاسىل بولۇش شارائىتى ۋە زور كان ئىزدەش شارائىتى مەۋجۇت ئىكەن.

خەۋەردە 2023-يىلى خىتاي رېجىمىنىڭ يېڭى بىر قېتىملىق كان ئىزدەش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۆمۈر، ئالتۇن، بېرىللىي، سىتىبىي، كالىي، لىتىي، فىلۇئورىت قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك كان بايلىقلىرى زاپىسىنىڭ كۆپ مىقداردا ئاشقانلىقى، خىتاي تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى بەلگىلىگەن «14-بەش يىللىق پىلان»غا يېڭىدىن قوشۇلغان بايلىق زاپىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئاللىقاچان ئورۇنداپ بولغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پەقەت ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، بۇنچە كۆپ تەبىئىي بايلىقنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ماس قەدەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى ئىلغار تېخنىكىلار ئارقىلىق زور كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە تالان–تاراجنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1539 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2024 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق