ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «تەيۋەن توقۇنۇشىنى توسۇش قانۇنى»نى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «تەيۋەن توقۇنۇشىنى توسۇش قانۇنى»نى ماقۇللىغان بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشنىڭ بەدىلى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 9-سېنتەبىر كەچتە «خىتاي ھەپتىلىك ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان قانۇن مۇزاكىرە قىلىش باسقۇچىدا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان بىر قانۇن بار بولۇپ، بۇ قانۇن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىدىن خىتاي تەيۋەنگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللانغان تەقدىردە، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئامېرىكا مالىيە ئورگانلىرىدىكى مال-مۈلكىنى ئاشكارىلاش ۋە مۇسادىرە قىلىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئەمما ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقۇچىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىكەن.

پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا نىسبەتەن تەيۋەنگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللانسا، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەن.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى فىرېنچ ھىل دۈشەنبە كەچتە مەزكۇر قانۇننىڭ پارلامېنتتا ماقۇللىنىشىدىن كېيىنكى سۆزىدە، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھەربىي ھەرىكەت قوللانسا، بۇ قانۇننىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ مالىيە جەھەتتىكى چىرىكلىكىنى پاش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەيۋەنگە پايدىلىق قانۇننى ماقۇللىغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىمالىي ئامېرىكا ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لياڭيۈ سەيشەنبە كۈنى تەيبېيدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «تەيۋەن توقۇنۇشىنى توسۇش قانۇنى»نى ماقۇللاشتىكى مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش غەرىزىنى توسۇش ئىكەنلىكىنى، بۇ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ خەلقئارالىق ئورتاق تونۇشقا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ يەنە بۇ قانۇننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش يامان نىيىتىنى چەكلەشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ داۋاملىق قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشقا تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قانۇننىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن زىچ ئالاقىنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار قانۇن لايىھەلىرىنى سۇنغان بولۇپ، پەقەت بۇ ھەپتە ئىچىدىلا خىتايغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك مۇناسىۋەتلىك بولغان 25 تىن ئارتۇق قانۇن لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1400 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2024 16:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق