تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى يېڭى دېھلىدا خىتايغا ئالاقىدار يىغىنغا قاتناشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت 8-سېنتەبىردىن تارتىپ ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، 10-سېنتەبىر ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي ھىندىستان ۋە دۇنياغا قانداق قارايدۇ؟» ماۋزۇلۇق كىتابنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان.

مەزكۇر يىغىننى ھىندىستان فوندى ۋە ھىندىستان ھابىتات مەركىزى تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر كىتابنى ھىندىستاننىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شيام ساران يازغان. يىغىلىشقا ھىندىستاننىڭ چەت ئەللەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى باش ئەلچىلىرى ۋە شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى، چەت ئەللىك دىپلوماتلار، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرى، ئاكادېمىكلار ۋە مۇھىم شەخسلەر قاتناشقان.

ھەيئەت يىغىن جەريانىدا ھىندىستاننىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شيام ساران بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ساران ئەپەندى ھەيئەتكە ھەدىيە قىلغان ئىمزالىق كىتابىغا ئۇيغۇر خەلقىگە ئېيتماقچى بولغان كۆڭۈل سۆزلىرىنى يازغان.

ھەيئەت 10-سېنتەبىر يەنە ھىندىستان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى ساچىن بۇدخۇالىيانىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، خۇسۇسەن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنى تەپسىلىي پاش قىلغان.

ھەيئەت يەنە مۇخبىر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھىندىستاندا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1321 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2024 16:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق