خىتاي-رۇسىيە ھەربىي مانېۋىرى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ باياناتى خەلقئارانىڭ دىققەت قوزغىدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 10-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يىللىق پىلانى ۋە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئاساسەن، رۇسىيە ئارمىيەسى 9-ئايدا دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ، خىتاي ھەربىي قىسىملىرى ياپونىيە دېڭىزى، ئوخوت دېڭىزىغا ئالاقىدار دېڭىز ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۆتكۈزىدىغان «شىمالىي قىسىم . بىرلەشمە- 2024» ناملىق مانېۋىرغا قاتنىشىدىكەن.

خىتاي بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ خىتاي-رۇسىيە ئىككى تەرەپ ئارمىيەلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي-رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوت ئەترىتى تىنچ ئوكياندىكى ئالاقىدار دېڭىز تەۋەلىكىگە بېرىپ، بىرلەشمە چارلاپ تەكشۈرىدىكەن. خىتاي يەنە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ «ئوكيان – 2024» ئىستراتېگىيەلىك مانېۋىرىغا قاتنىشىدىكەن.

ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتولتېنبېرگ بۇ يىل ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلغاندا ئەقىل ئامبىرى ۋىلسون مەركىزىدە سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا ئىككىنچى مۇھىم رول ئىكەنلىكىدەك تەسىراتنى پەيدا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، جازادىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن بولغان سودىنى راۋان ھالدا ساقلاپ قالغانلىقىنى، ئەمما رېئاللىق بولسا، خىتاي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ياۋروپادا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ قوراللىق توقۇنۇشنى ئۇلغايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەرب بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش خام خىيالىدا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سىتولتېنبېرگ سۆزىنىڭ ئاخىردا يەنە خىتاينىڭ ھەر ئىككى مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئەگەر خىتاي سىياسەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمىسە، ئىتتىپاقداشلار خىتايغا چوقۇم بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە خىتاي ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ» دېگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1129 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2024 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق