گوللاندىيەنىڭ ئېكسپورت قارارى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئۆزەك ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان ئوپتىك ئويما ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئېكسپورت كونتروللۇقىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىن بىئارام بولغان خىتاي دەرھال نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى 6-سېنتەبىر گوللاندىيەنىڭ ئىلغار ئۆزەك ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى ASML نىڭ 1970i ۋە 1980i تىپلىق ئوپتىك ئويما ئۈسكۈنىلىرىگە قارىتا ئېكسپورت ئىجازەت شەرتلىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 8-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكىنى باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، كونتروللۇقنى كۈچەيتىشكە مەجبۇرلىدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گوللاندىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىغا خىتاينىڭ ئىلغار ئۆزەك ۋە ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرىگە ئېرىشىشىنى چەكلەشنى نىشان قىلغان ئېكسپورت كونتروللۇقىغا قاتنىشىش ھەققىدە بېسىم قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى يەنە: «يەرشارىۋى زومىگەرلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇقۇمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە قىستىدى، خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دەپ جار سالغان.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى يەنە: «گوللاندىيە ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىكى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتىنىڭ نورمال ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئالاقىدار تەدبىرلەردىن ساقلىنىشى، خىتاي ۋە گوللاندىيە كارخانىلىرى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك» دېگەنلەرنى دەۋا قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ بېسىم قىلىشى نەتىجىسىدە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەت ASML نىڭ ئىلغار ئوپتىك ئويما ئۈسكۈنىسىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشى ئۈنۈملۈك چەكلەنگەن.

ياپونىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ يىل يانۋار ئېيىدىكى بىر خەۋىرىدە ئامېرىكا بىلەن گوللاندىيەنىڭ مەخپىي كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ASML شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى خىتايغا يەتكۈزۈشىنى چەكلىگەنلىكى، ئەمما بۇ كېلىشىم ASML شىركىتىنىڭ ئىلغار ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىتايغا سېتىلىشىنى توسۇپ قالالمىغانلىقى، ASML شىركىتى لوبىچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن ھۆكۈمەتنى قايىل قىلىپ، خىتايغا ئىلغار ئۈسكۈنە ئېكسپورت قىلىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەنلىكى، نەتىجىدە بۇلتۇر خىتاي ASML شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرىغا ئايلانغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1395 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2024 12:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق