ئامېرىكا پارلامېنتىدا خىتايغا قارشى 30 دىن ئارتۇق قانۇن لايىھەسى قاراپ چىقىشنى كۈتمەكتە

ئامېرىكا پارلامېنتىدا «خىتايغا قارشى ھەپتىلىك» باشلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ تۈرلۈك تەھدىتلىرىگە قارشى 30 دىن ئارتۇق قانۇن لايىھەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاراپ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتىكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 9-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار قانۇن لايىھەلىرىنى سۇنغان بولۇپ، پەقەت بۇ ھەپتە ئىچىدىلا خىتايغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك مۇناسىۋەتلىك بولغان 25 تىن ئارتۇق قانۇن لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 11-ئايدىكى چوڭ سايلامغا پەقەت ئۈچ ھەپتە قالغان بولسىمۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئاۋام پالاتاسى يىغىن ۋاقتىنى خىتايغا قارشى قانۇن لايىھەلىرىنى تەكشۈرۈشكە سەرپ قىلماقتىكەن. بۇ قانۇن لايىھەلىرى ئۇچقۇسىز ھاۋا ئاپپاراتى، بىيو-تېخنىكا، توكلۇق ئاپتوموبىل قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن. بۇ قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىكى مەقسەت ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، خىتاينىڭ تەسىرىنى چەكلەش، كېيىنكى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتنىڭ خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەن.

9-سېنتەبىر كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغان قانۇن لايىھەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇلار خىتاينىڭ DJI شىركىتىنى چەكلەيدىغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇچقۇسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، خىتاينىڭ بەش بىيو-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى بىلەن فېدېراتسىيەنىڭ شەرتنامە تۈزۈشنى توسىدىغان «بىيولوگىيەلىك بىخەتەرلىك قانۇنى»، فېدېراتىپ ئالاقە كومىتېتىدىن FCC رۇخسەتنامىسىگە ئىگە چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان «چەت ئەللىك رەقىبلەرنىڭ ئالاقە ئاشكارىلىق دەرىجىسى قانۇنى»، سودا مىنىستىرلىقىدىن روتېر ياكى سانلىق مەلۇمات ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ-خەتىرى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان «روتېر قانۇنى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاينىڭ تەسىرىنى چەكلەش جەھەتتە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كەلگۈسىدە خەلقئارا پۇل فوندىدىن خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشىگە قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان «خىتاي پۇلى جاۋابكارلىق قانۇنى»، ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشىنى توسىدىغان «تەيۋەن توقۇنۇشىنى توسۇش قانۇنى»، شۇنداقلا خوڭكوڭ ئىقتىساد-سودا ئىشخانىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى دىپلوماتىك ئالاھىدە ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان «خوڭكوڭ ئىقتىساد-سودا ئىدارىسىنىڭ گۇۋاھنامە بېجىرىش قانۇنى» قاتارلىقلار بار ئىكەن.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى مايك جونسون 7-ئايدا خىتايغا قارشى قانۇن لايىھەلىرىنى تېزلىكتە تەستىقلاشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قانۇن لايىھەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قاتتىق پوزىتسىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1370 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2024 12:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق