تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ ھىندىستان زىيارىتى داۋاملاشماقتا

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت 8-سېنتەبىردىن باشلاپ ھىندىستان زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، 9-سېنتەبىر يەنە ھىندىستان ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل ئامبىرى «ھىندىستان فوندى»نى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت بۇ جەرياندا فوندنىڭ رەئىسى، سابىق گېنېرال مايور درۇۋ كاتوچ، مۇتۇۋەللى ھەيئىتىنىڭ رەئىسى، سابىق گېنېرال لېيتېنانت شېخار سانخا ۋە سابىق پولكوۋنىك ئالوك بانسال قاتارلىقلار بىلەن يېپىق تەرىقىدە سۆھبەتلەشكەن.

ھەيئەت بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرغاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھىندىستاندا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. ئۇندىن باشقا ھەيئەت يەنە خىتاينىڭ رايوندىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلغان.

ھەيئەت 9-سېنتەبىر يەنە ھىندىستاننىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۇخبىرى، تىبەتشۇناس، يازغۇچى ۋە ھىمالايا ئاسىيا تەتقىقات ۋە تەشەببۇس مەركىزىنىڭ رەئىسى ۋىجاي كىرانتى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن.

ۋىجاي كىرانتى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى، ماقالە، خەۋەرلىرى ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قوللاش مەيدانى بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1286 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2024 12:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق