خىتاينىڭ ئۇچقۇسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپىنى ھەل قىلىش تەلەپ قىلىندى

ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، خىتاينىڭ دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 6-سېنتەبىر ئامېرىكىنىڭ ئون نەچچە پارلامېنت ئەزاسى بايدېن ھۆكۈمىتىنى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپىنى ھەل قىلىشقا چاقىرغان. ئۇلار مەكتۇپتا ئامېرىكا دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان بۇ خىل ئۇچقۇسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەكتۇپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزالىرى يوللىغان بولۇپ، ئۇلار ئېلىس سىتېفانىك، ئەشلى ھىنسون ۋە ئامېرىكا-خىتاي كومپارتىيەسى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مۇلېنار قاتارلىقلار ئىكەن. ئۇلار ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بىلەن تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىكى ئىدارىسىدىن دورا چېچىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتتىن 30-سېنتەبىردىن بۇرۇن بۇ مەسىلە ھەققىدە دوكلات بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار بىردەك خىتاينىڭ ئۇچقۇسىز ئۇچقۇسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى DJI نىڭ زور مىقداردىكى ئۇچقۇسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ بىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەكتۇپتا: «DJI شىركىتىنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا ھۇجۇم قوزغاشقا ئىشلىتىش خەۋپىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ» دېيىلگەن.

پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مەكتۇپىدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قورال توشۇش سۇپىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقى بولغان دورا چاچقۇچى ئۇچقۇسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قارىغا ئېكسپورت چەكلىمىسى يولغا قويغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 2020-يىلى 12-ئايدا خىتاينىڭ DJI شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، مىنىستىرلىقنىڭ رۇخسىتىسىز ئامېرىكا تېخنىكىلىرىنى مەزكۇر شىركەتكە ئېكسپورت قىلىش چەكلەنگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1339 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2024 15:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق