تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت ھىندىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت 8-سېنتەبىردىن باشلاپ ھىندىستان زىيارىتىنى باشلىدى.

ھەيئەت بۈگۈن ھىندىستان پارلامېنت ئەزاسى، شۇنداقلا كېڭەش پالاتا ئەزاسى شرى سۇجىت كۇمار ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان. بۇ جەرياندا ھەيئەت ئالدى بىلەن شرى سۇجىت كۇمار ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرغان. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھىندىستان پارلامېنتىدا، شۇنداقلا ھىندىستان جەمئىيىتىدە قانداق كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

ھەيئەت بۇ جەرياندا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىقىش جەريانىدا ھىندىستان چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتكەنلىك باھانىسى بىلەن ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، 11 يىلدىن بۇيان ھىندىستاندا ئىزچىل تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

ھەيئەت ئاخىرىدا پارلامېنت ئەزاسى، شۇنداقلا كېڭەش پالاتا ئەزاسى شرى سۇجىت كۇمار ئەپەندىگە ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن شارپا تەقدىم قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، كېڭەش پالاتا ئەزاسى شرى سۇجىت كۇمار خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1464 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2024 14:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق