خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلار بەرپا قىلغان ئۇيغۇر تېبابىتى، دورىگەرلىكى ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرىنى ۋە مۇھىم رېتسېپلىرىنى خىتاي تېبابىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. خىتاي يېقىندا يەنە ئەقلىي مۈلۈك، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئوغرىلاش ھەرىكىتىنى رەسمىيلەشتۈرۈش رەزىل مەقسىتىدە، ئاتالمىش «شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى» قۇرۇپ چىققان.
خىتاي خەلق تورىنىڭ 6-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ئاتالمىش «جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ۋە مىللىي تېبابەت دورىلىرى مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى»نى تەسىس قىلغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى-سىرتىدىن 138 مۇتەخەسسىسنى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، تەكلىپ قىلىش مۇددىتى ئۈچ يىل ئىكەن.
خەۋەردە دەۋا قىلىنىشىچە، مەزكۇر 138 مۇتەخەسسىس ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ ئىچى-سىرتىدىكى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كارخانىلار ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى دورىگەرلىك، بوتانىكا، ئىشلەپچىقىرىش سۈپەت باشقۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، تىزىمغا ئېلىش-باشقۇرۇش قاتارلىقلار ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.
خەۋەردە يەنە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ دورىلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، قەدىمكى داڭلىق رېتسېپلار، خىتاي دورا ماتېرىياللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تېرىش-ئۆستۈرۈش، خىزمەت تەرتىپى، تېخنىكا يېتەكچىلىكى ھۆججەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردىن تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، ئۇندىن باشقا يەنە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خىتاي تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرى پەن تەتقىقات تېمىسى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇلۇشىغا ياردەملىشىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر تېبابەت ئالىملىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىجاد قىلغان ئۇيغۇر تېبابەت رېتسېپلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش، خىتاي تېبابىتىنىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، «ئۇيغۇر تېبابىتى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا «مىللىي تېبابەت» ئاتالغۇسىنى كۆپلەپ ئىشلىتىپ كەلگەن.
ئۆتكەن يىلى 2-سېنتەبىر خىتاي تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى خىتاي تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ئاتالمىش «قەدىمكى دەۋردىكى كىلاسسىك داڭلىق رېتسېپلار مۇندەرىجىسى (2- تۈركۈم)» نى ئېلان قىلغان. مۇندەرىجىگە جەمئىي 217 تۇنجى رېتسېپلىق دورا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تېبابىتىگە تەۋە رېتسېپلاردىن 38 دورا رېتسېپى بار ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ نۆۋەتتە مۇقىم رېتسېپى 2000 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ تارقىلىشچان زۇكام، A تىپلىق جىگەر ياللۇغى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، سوزۇلما كانايچە ياللۇغى، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسىلى، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، ئاق كېسەل، سۇنۇق، تېرە كېسىلى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بار ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل تۈردە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ئىچىدىكى تەجرىبىدىن ئۆتكەن مۇھىم رېتسېپلارنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ، ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر تېۋىپلارنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ