ياپونىيە: خىتاينىڭ تۆت ساقچى پاراخوتى ياپونىيە تەۋەلىكىگە كىردى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دېڭىز ساقچى ئىدارىسىغا تەۋە تۆت پاراخوتنىڭ 6-سېنتەبىر سېنكاكو ئارىلى ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  ھەممىسىگە پىلىموتقا ئوخشاش قورال ئورنىتىلغان تۆت خىتاي پاراخوتى 6-سېنتەبىر سېنكاكو ئارىلى ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن. ياپونىيە تەرەپنىڭ چارلىغۇچى پاراخوتى خىتاي ساقچى پاراخوتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان.

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ، خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ئۇدا 41 كۈن سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا بايقىلىشى بولۇپ، خىتاي پاراخوتلىرى 29-ئاۋغۇستتىن باشلاپ سېنكاكو ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشكە ئىزچىل ئۇرۇنغان.

خىتاي دېڭىز ساقچى ئىدارىسى بولسا شۇ كۈنى خىتاي دېڭىز ساقچىسى 1303-نومۇرلۇق كېمە ئەترىتىنىڭ خىتايغا ئىگىلىك دەۋاسى قىلىۋاتقان «دياۋيۈ ئارىلى»غا تەۋە دېڭىزدا چارلاش ئىجرا قىلغانلىقىنى، بۇ خىتاي دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى قوغداش چارلىشى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

بۇ يىل 6-ئايدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە سېنكاكو ئارىلى ئەتراپىدىكى ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيە دېڭىز بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ زور مىقداردىكى رېزىنكە كېمىلەرنى يۆتكىيەلەيدىغان چوڭ تىپلىق چارلاش پاراخوتى ياساشنى پىلانلىغانلىقى قەيت قىلىنغان. تەتقىق قىلىنىۋاتقان چوڭ تىپتىكى چارلاش پاراخوتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 200 مېتىر، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 30 مىڭ توننىغا يېتىدىغان بولۇپ، 2029-يىلى ئەمەلىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش نىشان قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1603 قېتىم كۆرۈلدى
07/09/2024 12:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق