خىتاينىڭ خەينەن ئارىلىدىن 420 مىڭ ئاھالىنى جىددىي كۆچۈرگەنلىكى دىققەت قوزغىدى

خىتاي رېجىمىنىڭ تەيفېڭ بورىنى سەۋەبلىك خەينەن ئارىلىدىن 420 مىڭ ئاھالىنى جىددىي كۆچۈرگەنلىكى دىققەت قوزغىغان بولۇپ، خەينەن ئۆلكىسى خەيكو شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بوراندىن قوغدىنىش ئۈچۈن تەدبىر قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىللىق 11-نومۇرلۇق تەيفېڭ بورىنى 6-سېنتەبىر ئەتىگەندە خەينەن ئارىلىغا يېقىنلاشقان. مۇخبىرنىڭ خەينەن ئۆلكىسى تەيفېڭ بورىنىغا قارشى جىددىي قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، 6-سېنتەبىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 9 غىچە پۈتۈن ئۆلكە بويىچە كۆچۈرۈلۈشى كېرەك بولغان 419 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن. يەنە مىڭدىن ئارتۇق كىشى جىددىي يۆتكەلمەكتىكەن.

6-سېنتەبىر ئەتىگەن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 8 دە خەينەن ئۆلكىلىك سۇ باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە خەينەن ئۆلكىلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بىرلىكتە بىرىنچى دەرىجىلىك تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى ھاۋارايى خەۋپى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان. ئاگاھلاندۇرۇشتا خەيكو، ۋېنچاڭ، چيۇڭخەي قاتارلىق 14 شەھەر-ناھىيەگە قاراشلىق 100 دىن ئارتۇق يېزا-بازاردىكى قىسمەن رايونلاردا بىرىنچى دەرىجىلىك تەيفىڭ بورىنى ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1531 قېتىم كۆرۈلدى
07/09/2024 12:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق