تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى دەريا يانىق خانىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان سىستېمىلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.
تۈركىيەنىڭ سابىق ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت مىنىستىرى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئوسمانىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى دەريا يانىق خانىم 3-سېنتەبىر ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان دوكلاتى ھەققىدە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە كۈچىيىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.
زىيارەتتە ئۇنىڭ ھىندىستان ۋە پاكىستان چېگراسىدا 1947-يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان كەشمىر مەسىلىسىنىڭ، ئاراكان مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى دىققەت تارتتى. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى تەرىپىدىن 2022-يىلى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىغا ئىشارەت قىلدى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە ۋە نوپۇس ئۆزگەرتىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دەريا يانىق خانىم سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت-مەھەللىلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشى، جازالاش مەقسىتىدە قاماپ قويۇلۇشى، پەرزەنت كۆرۈش ۋە ساياھەت قىلىش ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى قاتارلىق ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ 1970-يىللاردىن باشلاپ خىتاي تەرىپىدىن زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىنىڭ ئىلگىرىكى %80 تىن %40 كە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ يەنە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ جەرياننىڭ سىستېمىلىق نوپۇس ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دەريا يانىق خانىم يەنە X ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «مەن شەخسىي قاراشلىرىمىز ياكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەرقانداق بىر قاراش ھەققىدە ئەمەس بەلكى، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان دوكلات ھەققىدە سۆز قىلماقتىمەن» دېدى. ئۇ دوكلاتنىڭ ئېنىق نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا شەرقىي تۈركىستاندا يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش سىياسىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ: «جازالاش تەرىقىسدە تۈرمىگە تاشلانغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش ۋە ئائىلە قۇرۇش ھوقۇقى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان، يەنى رايوندىن سىرتقا ياكى خىتايغا ساياھەت قىلىش جازالاش سەۋەبىگە ئايلانغان... ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئەمما بۇ ھەقتىكى شىكايەتلەر داۋام قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ