ئۇيغۇر كىكبوكس ماھىرى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى

ئۇيغۇر كىكبوكس ماھىرى ئابدۇسەمەت تەۋەككۈل 1-سېنتەبىر تۈركىيەنىڭ ئىسپارتا شەھىرى ئېغىردىر رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «كەسپىي كىكبوكس چېمپىيونلار كېچىسى» مۇسابىقىدە رەقىبىنى يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ چېمپىيون بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇسابىقىگە تۈركىيە، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن كەسپىي كىكبوكس ماھىرلىرى قاتناشقان. مۇسابىقە ئۈچ مەيدان داۋام قىلغان بولۇپ، مۇسابىقە جەريانىدا ئابدۇسەمەت تەۋەككۈل پۇرسەت تېپىپ رەقىبىنىڭ ئاجىز نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلىش، سالماقلىق بىلەن مۇداپىئەلىنىش، رەقىبىنىڭ پۇتىغا زەربە بېرىش قاتارلىق تاكتىكىلار بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن. نەتىجىدە ئۈچىلا مەيداندا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، چېمپىيونلۇق كەمىرىنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئابدۇسەمەت تەۋەككۈلنىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا چىققان ھەمدە چېمپىيونلۇق كەمىرى ئالغان مۇھىم پەيتلەردە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىپ چىقىشى تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

مۇسابىقە جەريانىدا ئانتالىيەدىن مەخسۇس ئابدۇسەمەت تەۋەككۈلنى قوللاش ئۈچۈن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر خەلق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى زاكىرجان ئوسمانوف ئېغىردىر ھۆكۈمىتى باشلىقى مۇستافا ئۆزەر ئەپەندىگە ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى تەقدىم قىلغان.

بۇ ھەقتە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئابدۇسەمەت تەۋەككۈلنىڭ دادىسى ئۇبۇل تەۋەككۈل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇسەمەت تەۋەككۈل توققۇز ياشتىن باشلاپ كىكبوكس مەشىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، شۇندىن بۇيان چېنىقىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىن ئىلگىرى بىر ئاي قاتتىق تەييارلىق قىلغان. ئۇبۇل تەۋەككۈل ئەپەندى ئوغلىنىڭ كىكبوكس ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى، شەرقىي تۈركىستاننى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇش غايىسىنى قوللاش ئۈچۈن، ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا كىكبوكس چېنىقىش زالى ئېچىپ بەرگەن. نۆۋەتتە چوڭ-كىچىك 20 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر كىكبوكس تۈرىدە چېنىقىشقا باشلىغان بولۇپ، ئابدۇسەمەت تەۋەككۈلنىڭ ئىلگىرىكى كىكبوكس مەشقاۋۇلى ساباھەتتىن قاش ئەپەندى ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مەشىق قىلدۇرماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1583 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2024 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق