پۇتىن: خىتاي، بىرازىلىيە ياكى ھىندىستان ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدە كېلىشتۈرگۈچى بولالايدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن خىتاي، بىرازىلىيە ياكى ھىندىستاننىڭ ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدە كېلىشتۈرگۈچى بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 5-سېنتەبىر رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقىدىكى ۋىلادىۋوستوكتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىساد مۇنبىرىدە قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدە مۇرەسسەچى بولالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي، بىرازىلىيە ياكى ھىندىستاننى «سەمىمىي ياراشتۇرغۇچى» دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىنچلىق سۆھبىتىدە رولىنى جارى قىلدۇرسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پۇتىن بۇ ھەقتە: «ئالدى بىلەن خىتاي، بىرازىلىيە ۋە ھىندىستان. مەن شېرىكلىرىم بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمەن... بىزنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم بار» دېگەن. ئۇ يەنە: «ئەگەر ئۇكرائىنا سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلسا، مەنمۇ شۇنداق قىلالايمەن» دېگەنلەرنى ئىلاۋە قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پۇتىن ئىلگىرى ئۇكرائىنا پەقەت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قوشۇلۇشتىن ۋاز كېچىپ، رۇسىيە ئەسكەرلىرى قىسمەن ئىشغال قىلغان ئۇكرائىنانىڭ تۆت ئىشتاتىدىكى تېررىتورىيەدىن ۋاز كەچكەندىلا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ سۈلھى توغرىسىدا سۆھبەتلىشەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇ پەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستانبۇلدا ھاسىل قىلىنغان، ئەمما ئەمەلىيلەشتۈرەلمىگەن دەسلەپكى كېلىشىمنىڭ كەلگۈسى سۆھبەتتە ئاساس قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇكرائىنا رۇسىيەنى قوللايدىغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇرەسسە ئىتتىپاقى قۇرۇپ، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئوتتۇرىغا قويغان ئون ماددىلىق تىنچلىق پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ئىككى يېرىم يىللىق تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1395 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2024 11:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق