خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق چەت ئەل سودىسىنى كېڭەيتمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چەت ئەلگە مال ئېكسپورت قىلىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ يىل ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتكەن خىتاي-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 10 مىڭ قېتىمدىن ئاشقان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 20-ئاۋغۇستقىچە بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس، ئالاتاۋ تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنىغان خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 10 مىڭ 37 قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئېشىپ، بۇلتۇرقىدىن 20 كۈن بۇرۇن 10 مىڭ قېتىمدىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرغاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستاننى مۇھىم چەت ئەل ئىمپورت ئېغىزى قىلغان. خىتاي-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ خەلقئارا كەسىپ زەنجىرىنى تەرەققي قىلىدۇرۇشتا، شۇنداقلا خىتاي ئىقتىسادىدا بارغانسېرى مۇھىم رول ئالىدىغان رايونغا ئايلاندۇرغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى خىتاي-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ دائىملىق قاتناش، توشۇش مىقدارى كۆپ بولۇش، بىخەتەر، راۋان قاتناش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن، خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالاتاۋ تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنايدىغان خىتاي-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسى جەمئىي 120 گە يەتكەن بولۇپ، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ئەنگلىيە قاتارلىق 21 دۆلەتكە تۇتىشىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى يىللاردا كۆرۈنەرلىك چېكىنگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ چەت ئەلگە قاراتقان چىقىش ئېغىزى قىلغانلىقىنى، خەلقئارا بازارغا يولغا چىققان پويىزلارنىڭ سانىنى خەۋەر قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقىدەك ساختا كۆرۈنۈش بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2035 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2024 10:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق