خىتاي ئافرىقىدىكى تەسىرىنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كېڭەيتمەكتە

خىتاي يىللاردىن بېرى  ئافرىقىدىكى تەسىرىنى قەرز، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ۋە ھەربىي ھەمكارلىق ئارقىلىق كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنى (FOCAC) بېيجىڭدا باشلاندى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9-نۆۋەتلىك «خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنى» 4-سېنتەبىردىن 6-سېنتەبىرگىچە بېيجىڭدا داۋاملىشىدىغان بولۇپ، مۇنبەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئافرىقىدىكى 50 نەچچە دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى بېيجىڭغا يېتىپ بارغان.

خىتاي-ئافرىقا ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 2000-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئافرىقا قىتئەسىگە جايلاشقان 54 دۆلەت ئىچىدىكى 53 دۆلەت مۇنبەرگە ئەزا بولغان بولغان. پەقەت خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغان سىۋازىلاندلا مۇنبەرگە قوشۇلمىغان. خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنى ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي بىلەن ئافرىقىدا نۆۋەتلىشىپ ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىملىق يىغىن يەنە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن كېيىن خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە باشلىقلار ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئانالىزچىلار بۇ قېتىملىق يىغىندا ئافرىقا رەھبەرلىرىنىڭ خىتايدىن تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات ئىمپورت قىلىش بەدىلىگە، خىتاينىڭ قەرز بېرىش ۋە مەبلەغ سېلىش ۋەدىسىگە ئېرىشىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئۆتكەن ئالتە يىلدا گەرچە خىتاي ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى بويىچە ئافرىقىغا زور مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن كېيىنكى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرى قەرز كىرىزىسىگە پېتىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىزچىل ناچارلىشىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قاراتقان بېسىمى سەۋەبلىك، خىتاي تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق مەسىلىلەردە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ ئافرىقىدىكى تەسىرى ئاجىزلاپ كەتكەن. خىتاي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تېز سۈرئەتتە ئافرىقىغا قورال ساتىدىغان ئاساسلىق كۈچكە ئايلانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1631 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2024 12:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق