خىتايدىكى ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بېرىش تەجرىبىخانىسى دىققەت قوزغىدى

يېقىندا خىتاينىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بېرىش تەجرىبىخانىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چىڭداۋدىكى مەلۇم بىر بىيو-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ دەلىللەشكە باشلىغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بېرىش ئورنى 3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈشى نەتىجىسىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يەر ئاستى تەجرىبىخانىسىدا تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئېلىش، كۆچۈرۈش قاتارلىق قانۇنسىز ئوپېراتسىيەلەرنى قىلىدىكەن. بۇ ئوپېراتسىيەلەردە قېتىم سانى بويىچە ھەق ئېلىنغان بولۇپ، ھەر قېتىملىق ئوپېراتسىيە ھەققى 1500 يۈەن، دوختۇرنىڭ ئىش ھەققى 2000 يۈەن ئىكەن. بۇ ئورۇننىڭ يەنە تازىلىق خادىملىرىنى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز تەكشۈرۈش، ئۈسكۈنىلەرنى دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قوشۇمچە سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئورۇننىڭ يەنە تۇغۇت گۇۋاھنامىسى ساتقانلىقى ھەققىدە گۇمان قىلىنغان ھەمدە كۆپلىگەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى دوختۇرخانىلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى بايقالغان.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق چىڭداۋ مېيكې بىيو-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2023-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى يەنە باشقا پىروبىركىدا يېتىلدۈرۈلگەن بوۋاق ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش شىركىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر چىڭداۋدىكى ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بېرىش تەجرىبىخانىسىنىڭ ئالاقە دائىرىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستانغىمۇ چېتىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش تەس ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ئەزان ئەمگەكچى سۈپىتىدە سېتىپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى پاكىتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، ۋاكالىتەن بالا تۇغۇپ بېرىش تەجرىبىخانىلىرىنىڭ قارا قولىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سوزۇلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1324 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2024 12:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق