خىتاي ياشلارنى چەت ئەلنىڭ «ساھىبجامال ھىيلىسى»دىن ئاگاھلاندۇرغان

خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 4-سېنتەبىر مەخپىي ۋە سەزگۈر ئىلمىي تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، ئۇلارنى «ساھىبجامال ھىيلىسى» بىلەن ئازدۇرۇلۇپ، چەت ئەلدىكى جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ مەخپىيەتلىك ئوغرىلاش تورىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 4-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ئۈندىدار جامائەت ھېساباتىنى قۇرغاندىن بۇيان، چەت ئەللەردىن كەلگەن ھەر خىل تەھدىتلەرنى ۋە چەت ئەل جاسۇسلىرىنىڭ قانداق قىلىپ خىتاي پۇقرالىرىنى جاسۇسلۇق قىلىش ھەققىدە ئازدۇرىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن. 4-سېنتەبىر خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئۈندىدار ھېساباتى ئارقىلىق ماقالە ئېلان قىلىپ، چەت ئەللەردىكى جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يۇقىرى مائاشلىق قوشۇمچە خىزمەت ۋە ساختا مۇھەببەت ئارقىلىق ياش ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا دەۋا قىلىنىشىچە، چەت ئەللەردىكى جاسۇسلۇق ئورگانلىرى خىزمەت ئىزدەش، قوشۇمچە خىزمەت ۋە تور ئارقىلىق دوستلىشىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنى، بولۇپمۇ سەزگۈر ئىلمىي تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بار ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆزىگە رام قىلىپ، ئازدۇرۇپ ياكى قورقۇتۇپ، ئۇلاردىن مەخپىي ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلغان.

ئەمما خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى قايسى دۆلەتنىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر ئاتالمىش مەخپىيەتلىك ئوغرىلاش پىلانلىرىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى توغرۇلۇق تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىمىغان.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى، خۇسۇسەن ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى زور كۆلەمدە پاش بولۇۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ پارا بېرىش، ساھىبجامال ھىيلىسى ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، تور ھۇجۇمى تەشكىللەش قاتارلىق تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن سەزگۈر تېخنىكا، سودا مەخپىيەتلىكى قاتارلىق قىممەتلىك ئۇچۇر، مەلۇماتلارنى ئوغرىلاش جىنايەتلىرى كۈچلۈك دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1216 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2024 12:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق