نىيۇيورك ئىشتاتىنىڭ سابىق خىتاي ئەمەلدارى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان

ئامېرىكا نىيۇيورك ئىشتاتىنىڭ سابىق ئالىي ئەمەلدارى سۈن ۋېننىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى، تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا توسالغۇ بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نىيۇيورك ئىشتاتى باشلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى سۈن ۋېن ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە نەچچە مىليون دوللار قوبۇل قىلغان. ئۇ ۋىزا ئالدامچىلىقى، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، پۇل يۇيۇش قاتارلىق ئون تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇنىڭ ئېرى خۇ شياۋمۇ پۇل يۇيۇش، بانكا ئالدامچىلىقى، سالاھىيىتىنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئىككى خىتاي سوتتىكى بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار 25-سېنتەبىر قايتا سوتلىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 41 ياشلىق سۇن ۋېن بىلەن 40 ياشلىق خۇ شياۋ 3-سېنتەبىر شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەندە نىيۇيوركتىكى ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىدا قولغا ئېلىنغان ۋە نىيۇيوركنىڭ شەرقىي رايونلۇق فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسىدە سوتقا چىقىرىلغان.

سۈن ۋېن نىيۇيورك ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتتە 14 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، تەپتىش مەھكىمىسى تاپشۇرغان 65 بەتلىك ئەيىبنامىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ئۆتكەن يىلى مارتتا ئىستېپا بەرگەنگە قەدەر ئىككى نۆۋەتلىك ئىشتات باشلىقى تەرىپىدىن ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان. ئۇ ھازىرقى ئىشتات باشلىقىنىڭ مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى ۋە مۇئاۋىن ئەمگەكچىلەر نازىرى بولغان. مەزكۇر خىتاي ئەمەلدار نىيۇيوركتىكى خىتايلار ئارىسىدىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، ئىشتات باشلىقىغا ۋاكالىتەن خىتايلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە كۆپ قېتىم قاتناشقان.

ئەيىبنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، سۈن ۋېن ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتتىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ كۈنتەرتىپىگە مەخپىي ماسلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن. ئۇ يەنە ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن تەيۋەن ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشقا كۆپ قېتىم قول تىققان ۋە قارشى چىققان.

يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە ئامېرىكىنىڭ ئوخشىمىغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن خىتاي جاسۇسلىرى ئارقا-ئارقىدىن پاش بولماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1365 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2024 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق