ياپونىيە خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى مۇداپىئە خامچوتىنى زور مىقداردا ئاشۇردى

ياپونىيە رايوندا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھەربىي خامچوتنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 3-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى گېئوپولىتىكىلىق خەتەرنىڭ شىددەت بىلەن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، كېلەر يىللىق ھەربىي خامچوتنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قېتىم ئومۇمىي خىراجەت 8 تىرىليون 500 مىليارد يېنغا (تەخمىنەن 52 مىليارد ياۋرو) يەتكۈزۈلگەن، ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا %7 كۆپەيتىلگەن بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان. ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنىڭ يېڭى ئەسكەر قوبۇل قىلىشىنىڭ كۈنسېرى قىيىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خامچوتنىڭ بىر قىسمى ئارمىيەنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى خامچوت ياپونىيەنىڭ دۆلەتلىك ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بەش يىللىق پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كىشىدا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. ياپونىيە 2023-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 43 تىرىليون يېن (تەخمىنەن 266 مىليارد ياۋرو) خىراجەت ئاجرىتىشنى، يىللىق ھەربىي خىراجەتنى 10 تىرىليون يېنغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان. بۇ ياپونىيەنى ھەربىي چىقىم جەھەتتە ئامېرىكا ۋە خىتايدىن قالسىلا دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇرىدىكەن.

«ئەكس سادا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ 2025-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ مالىيە خامچوتىنى رېكورت ياراتقان تەرىقىدە تەمىنلەش قارارى خىتاينىڭ ياپونىيە زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىش تەھدىتى ۋە ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى: «مۇداپىئە ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ياپونىيە چوقۇم يېڭى ئۇسۇللار بىلەن كۈرەش قىلالايدىغان قۇرۇلما بەرپا قىلىشى كېرەك» دېگەن. دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى خەلقئارا ھەمكارلىق بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىدا ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتى كىشىلەرگە كۈچلۈك، تەخىرسىز كىرىزىس تۇيغۇسى بېرىدۇ. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى غايەت زور ئويغىنىش چاقىرىقىدۇر» دېگەن. خىتاينىڭ ھەممە رايوندا دېگۈدەك زېمىن تەلىپى دەۋا قىلىشى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1232 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2024 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق